Skip to content
Opens in a new window

[1] چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا، كۈيلەيمەن سېنى پەرىشتىلەر ئالدىدا.

[2] مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن ساڭا، ساداقىتىڭ، مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، سۆزۈڭ بىلەن نامىڭنى قىلدىڭ ھەممىدىن ئەلا.

[3] بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.

[4] ئاڭلىغاچ ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئاپىرىن ئېيتار ساڭا ئالەمدىكى پادىشاھلار.

[5] ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى، كۈيلەر ئۇلار ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى.

[6] بۈيۈكلۈكتە بولسىمۇ پەرۋەردىگار، كەمتەرلەرگە غەمخورلۇق قىلار، تەكەببۇرلاردىن يىراق تۇرار.

[7] يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.

[8] ئەمەلگە ئاشۇرار پەرۋەردىگار مەن ھەققىدىكى پىلانىنى، مەڭگۈلۈكتۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، تەرك ئەتمە، ئۆز قولۇڭدا ياراتتىڭ مېنى.

زەبۇر — Chapters