Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.

[2] ئى پەرۋەردىگار، رەھىم قىل ماڭا، زەئىپلىشىپ كەتتىم قەۋەتلا. ئى پەرۋەردىگار، شىپالىق بەرگىن ماڭا، بوشىشىپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم بىراقلا.

[3] ئى پەرۋەردىگار، ھەسرەت تولدى قەلبىمگە، يۈرەرمەن بۇ ئەھۋالدا قاچانغىچە؟

[4] ئۆتۈنەي پەرۋەردىگار، ساقلاپ قالغىن جېنىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇز مېنى.

[5] چۈنكى ھېچكىم سېنى ئەسلىمەس ئۆلسە، كىم ساڭا رەھمەت ئېيتار گۆر ئىچىدە.

[6] ھېچ مادارىم قالمىدى نالە-پەرياد قىلىپ ساڭا، كۆز يېشىم دەريا بولۇر ھەر كېچىسى ئورنۇمدا.

[7] كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى دەرد-ئەلەمدىن، ئاجىزلاشتى كۆزلىرىم دۈشمەنلىرىم دەستىدىن.

[8] بەرھەق، قۇلاق سالدى زارىمغا پەرۋەردىگار، يوقىلىڭلار يېنىمدىن ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار.

[9] پەرۋەردىگار ئاڭلاپ ئىلتىجايىمنى، قوبۇل قىلدى دۇئايىمنى.

[10] قالار ھەممە دۈشمەنلىرىم نومۇس ۋە ۋەھىمىدە، تۇيۇقسىزلا چېكىنەر، بولۇپ شەرمەندە.

زەبۇر — Chapters