Skip to content
Opens in a new window

[1] جاۋاب بەرگىن، نىدا قىلسام ساڭا، ئېھ مېنى ھىمايە قىلغۇچى خۇدا. مېنى ئازاد قىلغانىدىڭ كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئاڭلىغىن دۇئايىمنى يەنە رەھىم قىلىپ ماڭا.

[2] ئەي ئىنسان بالىلىرى، قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى، قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى، قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ سېلاھ

[3] بىلىپ قويۇڭلار شۇنى، پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى، ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى.

[4] خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ

[5] چىن دىل بىلەن قىلىڭلار قۇربانلىقلارنى، پەرۋەردىگارغا باغلاڭلار ئىشەنچىڭلارنى.

[6] سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر: ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟ ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە.

[7] زىيادە خۇشال قىلدىڭ كۆڭلۈمنى، شۇنچە مول بولغانلاردىنمۇ ئاشلىق ۋە شارابلىرى.

[8] ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان، چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن.

زەبۇر — Chapters