[1] خۇدا باش بولۇپ ئولتۇرۇپ ئەرشتىكى مەجلىستە، دەيدۇ مۇنداق ھۆكۈمدارلارغا:
[2] «ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر قاچانغىچە؟ رەزىللەرگە يان باسىسىلەر نە چاغقىچە؟ سېلاھ
[3] يېتىم-يېسىر، نامراتلارغا كۆرسىتىڭلار ئادالەتنى، ئاقلاڭلار ئېزىلگەنلەر ۋە ئاجىزلارنى.
[4] مىسكىن ۋە يوقسۇللارنى قۇتقۇزۇڭلار، رەزىللەردىن ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار.
[5] نادان ۋە بىلىمسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ماڭار ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر يەرنىڭ ئۇللىرى.
[6] دېگەنىدىم سىلەرگە: سىلەر ‹ئىلاھلار›، ھەممىڭلار ئۇلۇغ خۇدانىڭ ‹پەرزەنتىسىلەر›!
[7] لېكىن سىلەرمۇ باشقا بەندىلەردەك ئۆلىسىلەر، خۇددى بارلىق ھۆكۈمرانلاردەك تۈگەيسىلەر.»
[8] سوراق قىلغىن يەر يۈزىگە كېلىپ ئى خۇدا، چۈنكى پۈتكۈل خەلقلەر تەۋەدۇر ساڭا.
زەبۇر — Chapters
123456789101112131415161718192021222324252627282930313233343536373839404142434445464748495051525354555657585960616263646566676869707172737475767778798081828384858687888990919293949596979899100101102103104105106107108109110111112113114115116117118119120121122123124125126127128129130131132133134135136137138139140141142143144145146147148149150