Skip to content
Opens in a new window

[1] ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، تەرىپلىگىن ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى ئەي ۋۇجۇدۇم.

[2] ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.

[3] كەچۈرەر ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭنى، ساقايتار ھەرقانداق كېسەللىرىڭنى.

[4] ئۇ قۇتقۇزار ئۆلۈمدىن ھاياتىڭنى، ياغدۇرار ھەم مۇھەببىتى، رەھىمدىللىقىنى.

[5] ئۇ سېنى بەرىكىتىدە مەمنۇن قىلار ئۆمۈر بويى، ياش چېغىڭدەك كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرار بۈركۈت كەبى.

[6] پەرۋەردىگار يۈرگۈزەر ھەققانىيەت، ئېزىلگەن بارلىق مەزلۇملارغا ئادالەت.

[7] نامايان قىلدى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئۆز يولىنى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا كارامەتلىرىنى.

[8] خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.

[9] ئەيىبلىمەس ئۇ بىزنى ئۇزاققىچە، غەزىپىمۇ ئەمەستۇر ئاداققىچە.

[10] ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا، جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا.

[11] ئاسمان، زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك، خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلەرگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك.

[12] مەشرىق مەغرىبتىن يىراق بولسا قانچىلىك، يىراقلاشتۇرغاندۇر گۇناھلىرىمىزنى ئۇ بىزدىن شۇنچىلىك.

[13] ئاتا ئۆز بالىلىرىغا كۆيسە قانچىلىك، پەرۋەردىگار كۆيۈمچانلىق قىلار ئىخلاسمەنلىرىگە شۇنچىلىك.

[14] شۇنداق، ئۇ بىلەر بىزنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىمىزنى، ئېسىگە ئالار ئۇ بىزنىڭ تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى.

[15] مايسىدەك قىسقىدۇر ئىنساننىڭ ئۆمرى، دالادا ئېچىلغان گۈلدۈر ئىنساننىڭ ئۆزى.

[16] ئەگەردە چىقسا شامال ئۇ گۈل توزار، ھېچبىر ئىز قالدۇرماستىن غايىب بولار.

[17] ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارغا، ھەم ئۇنىڭ ئەھدىسىگە سادىق بولغانلارغا، ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، ئۇ كۆرسىتەر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئاداققىچە، ھەققانىيىتى داۋام ئېتەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.

[19] پەرۋەردىگار ئورناتقاندۇر تەختىنى ئەرشكە، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلار ھەممىنىڭ ئۈستىدە.

[20] ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.

[21] ئەي خۇدانىڭ ئەرشتىكىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدىغان خىزمەتچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.

[22] ئەي پەرۋەردىگار ياراتقانلار، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ھەممە جايدا، ئەي مېنىڭ قەلبىم ئېيتقىن ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا.

زەبۇر — Chapters