Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.

[2] كىردى تېنىمگە ئوقلىرىڭ، باستى مېنى قوللىرىڭ.

[3] غەزىپىڭدىن يۈرەك-باغرىم يارا بولدى، گۇناھىمدىن تېنىم مېنىڭ پارە بولدى.

[4] غەرق بولدۇم گۇناھلىرىم كەلكۈنىگە، سالمىقىدىن گۇناھىمنىڭ پاتتىم يەرگە.

[5] يىرىڭلاپ سېسىپ كەتتى جاراھىتىم، سەۋەب بولدى بۇنىڭغا نادانلىقىم.

[6] بەللىرىم پۈكۈلدى قەددىم مۈكچىيىپ، كۈنبويى يۈرىمەن قايغۇغا پېتىپ.

[7] ئاغرىماقتا كۆيۈپ پۈتۈن بەدىنىم، تېنىمدە قالمىدى ھېچبىر ساق يېرىم.

[8] تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى جېنىم مېنىڭ، ھەسرەتتىن پەرياد قىلار قەلبىم مېنىڭ.

[9] ئى رەببىم، ئارزۇلىرىم ئاياندۇر ساڭا، ئاھ ئۇرۇشۇم يوشۇرۇن ئەمەستۇر ساڭا.

[10] يۈرىكىم جىغىلداپ ھالى كەتتى، ھەتتا كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى.

[11] يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن، يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن.

[12] تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.

[13] ھېچنېمىنى ئاڭلىمايمەن گاس ئادەمدەك، ھېچبىرىگە سۆز قىلمايمەن گاچىلاردەك.

[14] شۇنداق، قۇلىقى پاڭ ئادەمدەكمەن، رەدىيەگە تىلى يوق گاچىدەكمەن.

[15] ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمنى باغلىدىم ساڭا، ئى ئىگەم، ئىلاھىم جاۋاب بېرىسەن ماڭا.

[16] تىلەيمەن، ئۈستۈمدىن كۈلمىسۇن بىراۋلار، تېيىلغىنىمدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلار.

[17] يىقىلاي دەپ قالدىم ئى خۇدا، ئازاب ھەمراھدۇر دائىم ماڭا.

[18] ئىقرار قىلىپ گۇناھىمغا، پۇشايمان قىلدىم خاتالىقىمغا.

[19] دۈشمەنلىرىم سەگەك ھەم كۈچلۈكتۇر، سەۋەبسىزلا ماڭا ئۆچلەر شۇنچە كۆپتۇر.

[20] ياخشىلىقىمقا يامانلىق قايتۇرغانلار، توغرا يولدا ماڭدىڭ دەپ قارشى چىقار.

[21] ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي مېنى تاشلىما، ئى ئىلاھىم، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا.

[22] ئى ئىگەم، نىجاتكارىم، قىلغىن ماڭا تېزدىن ياردەم.

زەبۇر — Chapters