Skip to content
Opens in a new window

[1] ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىم مەن مۇنداق: «قالماسلىقىم ئۈچۈن بولۇپ گۇناھكار، تارتاي تىلىمنى، رەزىللەرنىڭ ئالدىدا تىكىپ قوياي ئېغىزىمنى.»

[2] گەرچە كېرەك بولسىمۇ سۆزلىشىم، سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم، ئەمما مېنىڭ ئېشىۋەردى ئازابىم.

[3] زەرداب بولۇپ قاينىدى باغرىم، ئويلىغانچە كۆيدى يۈرىكىم. ئاخىر بولماي مۇنداق دېدىم:

[4] «ئى پەرۋەردىگار، چۈشىنەي ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى، كۈنلىرىمنىڭ ساناقلىق قالغانلىقىنى. بىلىپ قالاي ئۆمۈرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى.»

[5] بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا، ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا، بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سېلاھ

[6] سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.

[7] ئى پەرۋەردىگار، نېمىنى كۈتەي ئەمدى؟ ئۈمىدىم پەقەت سەندىلا قالدى.

[8] ساقىت قىلغىن گۇناھلىرىمنى، ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قويما مېنى.

[9] سۈكۈت قىلىپ ئاچمايمەن ئاغزىمنى، چۈنكى، ئادىلدۇر جازالىشىڭ مېنى.

[10] توختاتقايسەن ئەمدى جازالىشىڭنى، كۆتۈرەلمەس تېنىم قولۇڭنىڭ زەربىسىنى.

[11] گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. سېلاھ

[12] ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا.

[13] غەزەپ بىلەن قارىمىغىن ماڭا، ئۆلۈمدىن بۇرۇن چۆمىلەي شادلىققا.

زەبۇر — Chapters