[1] ساڭا شۈكۈر ئېيتىمىز ئى خۇدا، شۈكۈر ئېيتىمىز، چۈنكى سەن يېقىنسەن بىزگە، بايان قىلىمىز كارامەتلىرىڭنى ھەمىشە.
[2] خۇدا ئېيتار: «مەن بېكىتكەن ۋاقىتتا، سورىقىمنى ئادالەتتە سورايمەن.
[3] تۇرسىمۇ گەر يەر-زېمىنلار تەۋرىنىپ، ئۆزۈمدۇرمەن قويغۇچىسى ئاڭا تۈۋرۈك ئورنىتىپ.» سېلاھ
[4] مەن دەيمەن ماختانچاققا: «ماختانما»، پاسىقلارغا: «مەغرۇرلىنىپ غادايما،
[5] ئۆز كۈچۈڭدىن كۆرەڭلەپ، تۇمشۇقۇڭنى ئۈشلاپ، پو ئاتما.»
[6] چۈنكى يۈكسىلىش كېلەر پەقەتلا خۇدادىن، كەلمەيدۇ، شەرق، غەرب ياكى جەنۇب، شىمالدىن.
[7] بەرھەق، پەرۋەردىگار بىردىنبىر سوتچىدۇر، ئۇ بىرىنى ئەزىز قىلىسا، بىرىنى خار قىلار.
[8] چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار، ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار. قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا، پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار.
[9] ياقۇپلارنى تاللىغان خۇدا ھەققىدە مەن مەڭگۈ گۇۋاھلىق بېرىمەن، ھەم ئۇنىڭ نامىغا مۇناجاتلار ئېيتىمەن.
[10] خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن. بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن.