Skip to content
Opens in a new window

[1] سىئون تېغى تەۋرەنمەي، مەڭگۈگە مەزمۇت تۇرار، سىئونغا ئوخشار، ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.

[2] تاغلار قورشاپ تۇرغاندەك يېرۇسالېمنى، پەرۋەردىگار قورشاپ تۇرار ئۆز خەلقىنى، تا ئەبەدكىچە قوغداپ ئۇلارنى.

[3] بولىۋەرمەس ھۆكۈمرانلىق ھاسىسى پاسىقلاردا، ھەققانىيلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن بۇ زېمىندا، رەزىللەر ھۆكۈمرانلىق قىلسا ھەققانىيلار ئۈستىدە، ھەققانىيلارمۇ ئايلىنىپ كېتەر رەزىللەرگە.

[4] ئى پەرۋەردىگار، مېھرىڭنى بەرگىن دائىما، ياخشىلار ۋە قەلبى پاكلارغا.

[5] ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.

زەبۇر — Chapters