[1] ئى پەرۋەردىگار، شادلىنار پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن، خۇشالدۇر ئۇ ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭدىن.
[2] سەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ئىستەكلىرىنى، رەت قىلمىدىڭ سورىغان تىلەكلىرىنى. سېلاھ
[3] مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلدىڭ ئۇنىڭغا، ساپ ئالتۇندىن تاج كىيدۈردۈڭ بېشىغا.
[4] ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە، ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە.
[5] زور شۆھرەتكە ئېرىشتۈردى سەن ئىنئام قىلغان غەلىبە، بەھەيۋەت شەرەپ قۇچتى ئۇ سېنىڭ ھىممىتىڭدە.
[6] مەڭگۈلۈك بەرىكەت ئاتا قىلىپ ئۇنىڭغا، ھۇزۇرۇڭدا چۆمدۈرىسەن ئۇنى شادلىققا.
[7] بەرھەق، پادىشاھ ئىشەنچ باغلار پەرۋەردىگارغا، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە تەۋرەنمەس ئەسلا.
[8] ئەسىر ئېلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى، ئوڭ قولۇڭدا تۇتارسەن ساڭا ئۆچ بولغانلارنى.
[9] تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار، نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى، يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _ غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى.
[10] يوقىتارسەن يەر يۈزىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، قۇرۇتارسەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن نەسلىنى.
[11] يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇلار ساڭا، ئويلاپ چىقسىمۇ ھەم ھىيلە-مىكىر، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماس پەقەتلا.
[12] چېكىندۈرىسەن ئۇلارنى، يۈزلىرىگە بەتلىگەندە ئوقيايىڭنى.
[13] ئى پەرۋەردىگار كۆرسەتكەيسەن قۇدرىتىڭنى، ناخشا ئېيتىپ مەدھىيەلەيلى غەلىبىلىرىڭنى.