[1] شەپقەت قىلغىن ماڭا، ئى خۇدا. كىشىلەر قىلىپ مېنى دەپسەندە، كۈنبويى قىيناپ، بەكلا ئەزمەكتە.
[2] رەقىبلىرىم زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. تەكەببۇرلىشىپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى، ماڭا قارشى جەڭگى-جېدەل چىقارماقتا.
[3] ئىشەنچ قىلدىم ساڭا خۇدا قورققان چېغىمدا، ۋەدىلىرىڭ بولغاچ مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا. ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا، قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا.
[5] بۇرمىلار ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى دائىما، خىياللىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشتۇر ماڭا.
[6] ئۇلار ماڭا يوشۇرۇن ھالدا ھۇجۇمغا چىقماقتا، چۈشۈپ مېنىڭ پېيىمگە ھاياتىمغا قەست قىلماقتا.
[7] جازاسىز قالارمۇ ئۇلار گۇناھى تۇرۇپمۇ شۇنچە؟! ئى خۇدا، ئۇلارنى گۇمران قىلغايسەن قەھرىڭدە.
[8] خاتىرىلەپ قويغانسەن بۇ سەرسانچىلىقلىرىمنى، تۇلۇمغا قاچىلاپ قويغانسەن كۆز ياشلىرىمنى، يېزىپ قويغانسەن دەپتىرىڭگە بۇلارنى.
[9] دۈشمەنلىرىم چېكىنەر ئىلتىجا قىلسام ساڭا، شۈبھىسىزكى، مەن تەرەپتىدۇرسەن، ئى خۇدا.
[10] ئۇلۇغلارمەن خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى، ئۇلۇغلارمەن ئىگەمنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى.
[11] ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا، قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا.
[12] تۇرمىسام بولماس ۋەدىلىرىمدە، ئى خۇدا، سۇنىمەن شۇڭا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىمنى ساڭا.
[13] چۈنكى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ئۆلۈمدىن، ساقلىدىڭ ھەم پۇتلىرىمنى پۇتلىشىپ كېتىشتىن. مەقسىتىڭ مېنى ئامان يۈرسۇن دەپ ئالدىڭدا، ماڭسۇن دەپ ھەم ھاياتلىق نۇرۇڭدا.