[1] تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟
[2] بەدەل تۆلەپ ئازاد قىلغان قوۋمىڭنى ئەسكە ئالغىن، مۈلكۈم بولسۇن دەپ قۇتقۇزغان قەبىلەڭنى ئەسكە ئالغىن، ئۆزۈڭ ماكان قىلغان سىئون تېغىنى ئەسكە ئالغىن.
[3] كېلىپ كۆرگىن خاراب بولغان مۇقەددەس جايىڭنى، دۈشمەنلەر ئۇرۇپ-چېقىپ ۋەيران قىلغان ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى.
[4] رەقىبلىرىڭ داۋراڭ سېلىشتى مۇقەددەس جايىڭدا، غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشتى تۇغلىرىنى قاداپ ئۇندا.
[5] ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشتى بۇ ھۇجۇمچىلاردەك، پالتىلىرىنى ئوينىتىشتى خۇددى ئورمان كەسكۈچىدەك.
[6] ئاندىن ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا كىردى، پالتا ۋە بولقا بىلەن نەقىشلەرنى چېقىشتى.
[7] ئى خۇدا، ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويۇشتى، ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاينى دەپسەندە قىلىشتى.
[8] كۆڭۈللىرىدە ئويلاپ ئۇلار «بويسۇندۇرايلى بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى»، كۆيدۈرۈۋەتتى خۇدانىڭ زېمىندىكى مۇقەددەس جايلىرىنى.
[9] كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن، پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن. قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە، ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن.
[10] رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟ ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟
[11] نېمىشقا تارتىۋالدىڭ قولۇڭنى، ئېھ خۇدا ئوڭ قولۇڭنى؟ قولۇڭنى قوينىڭدىن ئېلىپ خۇدا يوقاتقايسەن ئۇلارنى!
[12] ئەزەلدىن بىزگە شاھ بولۇپ كەلگەنىدىڭ خۇدا، قازانغانتىڭ غەلىبىلەرنى بىز ئۈچۈن زېمىنىمىزدا.
[13] كۈچۈڭ بىلەن ئىككىگە بۆلگەنىدىڭ دېڭىز سۈيىنى، يارغانىدىڭ ئۇنىڭدىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى.
[14] چاققانىدىڭ دېڭىزدىكى لىۋياتاننىڭ باشلىرىنى، بەرگەنىدىڭ چۆلدىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق قىلىپ گۆشلىرىنى.
[15] بۇلاق كۆزىنى ئېچىپ يەردىن ھاسىل قىلغانتىڭ ئېرىقلارنى، قۇرۇتقانتىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى.
[16] ياراتتىڭ سەن كۈن ۋە تۈن ھەر ئىككىلىسىنى، ئورۇنلاشتۇردۇڭ ئۆز ئورنىغا ئاي ۋە كۈننى.
[17] ئايرىدىڭ بارلىق چېگرا-پاسىللارنى، پەيدا قىلدىڭ ئۆزۈڭ ياز بىلەن قىشنى.
[18] ئېسىڭدە تۇتقايسەن ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭنىڭ مەسخىرە قىلغانلىرىنى. ئۇنتۇمىغايسەن ئى پەرۋەردىگار، ھاماقەت خەلقنىڭ كۆزگە ئىلمىغانلىرىنى.
[19] تۇتۇپ بەرمىگىن ۋەھشىي دۈشمەنگە پاناھسىز بەندىلىرىڭنى، مەڭگۈ ئۇنتۇمىغىن ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى.
[20] بىز بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى ئېسىڭگە ئالغىن خۇدا، زورلۇق ۋە زومبۇلۇقلار يامراپ كەتتى، زېمىندىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بۇلۇڭلاردا.
[21] ئېزىلگەنلەر يەرگە قاراپ قالمىسۇن، ئۇلار سېنىڭ نامىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇسۇن.
[22] ئارىمىزغا يېنىپ كېلىپ ئى خۇدا، نامىڭنى قوغدىغىنا قايتىدىن. ھاماقەت كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم مەسخىرە قىلغانلىرىنى چىقارمىغىن يادىڭدىن.
[23] دۈشمىنىڭنىڭ چۇقانلىرى بولسۇن دائىم ئېسىڭدە، توختىمىدى ئۇلارنىڭ داۋراڭلىرى تېخىچە.