Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، نىجاتكارىم خۇدا، كېچە-كۈندۈز مەن ساڭا قىلدىم نىدا.

[2] قوبۇل قىلغىن دۇئايىمنى، ئاڭلىغىن نىدايىمنى.

[3] چۈنكى دەردلەر جېنىمغا پاتتى، ھاياتىممۇ ئۆلۈمگە يېقىنلاشتى.

[4] بىر پۇتۇم ساڭگىلىدى گۆر ئاغزىغا، كۈچ-مادار قالمىدى ھېچ تېنىمدا.

[5] ئۆلۈكلەردىن ھېچبىر پەرقسىزمەن، تېنىم لەھەتتىكى مۇردىدەكلا. ئۇنتۇلغانمەن ئۆلۈكلەردەك، مېھرىڭدىن مەھرۇممەن ئۇلاردەكلا.

[6] تاشلىۋەتتىڭ سەن مېنى چوڭقۇر ھاڭغا، تاشلىدىڭ ھەم زۇلمەت، قاراڭغۇلۇققا.

[7] يەلكەمنى باستى يۈك بولۇپ سېنىڭ قەھرىڭ، ماڭا قاتتىق زەربە بولدى ھايات دولقۇنلىرىڭ. سېلاھ

[8] يىراق قىلدىڭ مېنىڭدىن دوستلىرىمنى، يىرگەندۈردۈڭ مېنىڭدىن ھەم ئۇلارنى، قاماپ قويدۇڭ چىقالماس قىلىپ مېنى.

[9] ئى پەرۋەردىگار، كۆزلىرىم خىرەلەشتى ئازابتا، ھەر كۈنى قىلىمەن ساڭا نىدا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا.

[10] ئۆلۈكلەرگە كۆرسەتمەكچىمۇسەن كارامەتلىرىڭنى؟ مۇردىلار ئورنىدىن تۇرۇپ مەدھىيەلەرمۇ سېنى؟ سېلاھ

[11] قەبرىدە كىممۇ بايان قىلسۇن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى؟ ئۆلۈكلەر ماكانىدا كىممۇ ماختىسۇن ساداقىتىڭنى؟

[12] قاراڭغۇلۇقتا كىممۇ كۆرەلىسۇن كارامەتلىرىڭنى؟ «ئۇنتۇلغانلار زېمىنى» دا ياخشىلىقىڭنى؟

[13] ئى پەرۋەردىگار، نالە قىلىمەن ساڭا، ھەر سەھەردە قىلىپ دۇئا.

[14] ئى پەرۋەردىگار، تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن دىدارىڭنى؟

[15] ئېزىلىپ تاس قالغانتىم ئۆلۈشكە ياش چېغىمدىن، قىينىلىپ پېتىپ قالدىم ئۈمىدسىزلىككە دەھشىتىڭدىن.

[16] قەھر-غەزىپىڭ باستى ئۈستۈمنى، ۋەھىمىلىرىڭ نابۇت قىلدى مېنى.

[17] كەلكۈن كەبى ئۇلار مېنى ئېلىۋالدى قوينىغا، چۈشۈپ قالدىم مەن ئۇلارنىڭ قورشاۋىغا.

[18] يىراق قىلىپ مېنىڭدىن ھەمراھلىرىم، دوستلىرىمنى، يار قىلدىڭ پەقەت ماڭا قاراڭغۇلۇقنى.

زەبۇر — Chapters