[1] «ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا»، ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!
[2] كىشىلەر بىزگە ئاچچىقلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتكىنىدە ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا، ئۇلار بىزنى تىرىك پېتى يەۋېتەر ئىدى. كەلكۈن كەبى ئېقىپ كەلگەن ئادەم توپى دولقۇن ياساپ باسقىنىدا ئۈستىمىزدىن ئەزىم دەريادەك بىزنى غەرق قىلار ئىدى.
[6] ئېيتايلى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، يەم قىلمىدى بىزنى ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا.
[7] قېچىپ چىقتۇق قۇش كەبى بىز ئۇلارنىڭ قاپقىنىدىن، تۇزىقى بۇزۇلۇپ، قاچتۇق ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن.
[8] بىزگە ياردەم بەرگەن پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدۇر.
زەبۇر — Chapters
123456789101112131415161718192021222324252627282930313233343536373839404142434445464748495051525354555657585960616263646566676869707172737475767778798081828384858687888990919293949596979899100101102103104105106107108109110111112113114115116117118119120121122123124125126127128129130131132133134135136137138139140141142143144145146147148149150