[1] كۆتۈرىمەن خۇداغا پەريادىمنى، مۇقەررەر ئاڭلار ئۇ مېنىڭ زارىمنى.
[2] مۇشەققەتتە رەببىم ساڭا تەلپۈندىم، كېچىلىرى دۇئا قىلىپ ئۆتۈندىم، تەسەللىگە ئېرىشمىدى بۇ كۆڭلۈم.
[3] ئاھۇزار چەكتىم ئى خۇدا، سېنى سېغىنىپ، يوقىتار بولدۇم ئۆزۈمنى، سېنى ياد ئېيتىپ. سېلاھ
[4] سەن جاۋاب بەرمىگەچ ئۇيقۇسىزدۇر كۆزلىرىم، كۆڭۈل بىئاراملىقتا گەپكە كەلمەس تىللىرىم.
[5] ياد ئېتىمەن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى، يىراق ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى.
[6] ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى، ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى:
[7] رەببىم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟ ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟
[8] ئۆچمەس مۇھەببىتى ئەمدى بىزگە ئۆچتىمۇ؟ ۋەدىلىرى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولدىمۇ؟
[9] خۇدا شەپقەت قىلىشنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ رەھىمدىللىك ئورنىنى ياكى غەزەپ ئالدىمۇ؟ سېلاھ
[10] ئاندىن مەن دېدىم: «مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى شۇكى، ئۇلۇغ خۇدا ئەمدى بېشىمىزنى سىلىمايدىغان بولدى.»
[11] ياد ئېتىمەن ئىگەم ياردەملىرىڭنى، قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى.
[12] زاھىر بولار ئەجىرلىرىڭ خىيالىمدا، بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭ دىلىمدا.
[13] ئى خۇدا، سېنىڭ يولۇڭ مۇقەددەستۇر، ئۇلۇغلۇقىڭ ئالەمدە يېگانىدۇر.
[14] مۆجىزىلەر ئىگىسى بولغان خۇدادۇرسەن، قۇدرىتىڭنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەنسەن.
[15] قۇدرىتىڭدە قۇتقۇزدۇڭ ئۆز خەلقىڭنى، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئەۋلادىنى. سېلاھ
[16] ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆرگىنىدە تىترەپ سەندىن قورققانىدى. دېڭىز تېگى لەرزىگە كەلگەنىدى.
[17] قارا بۇلۇت كۆكسىدىن سۇلار تۆكۈپ، ئاسمانمۇ ھەم گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، نۇر ئوقلىرىڭ چاقماق چېقىپ ئېتىلغانتى.
[18] قۇيۇندا گۈلدۈرماماڭ گۈلدۈرلىگەنىدى، چاقمىقىڭدىن جاھان نۇرغا چۆمۈلگەنىدى، ئالاقزادە بولۇپ يەرمۇ تەۋرىگەنىدى.
[19] سەن دېڭىزدىن يول ئاچقانىدىڭ، ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈشكە ئىمكان قىلدىڭ، لېكىن ئەسلا كۆرۈنمەس ئىدى ئىزىڭ.
[20] يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.