Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا، كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟

[2] ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە: توغرا يولدا ماڭىدىغانلار، ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار، ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار،

[3] باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار، دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار، قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار.

[4] پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.

[5] جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار، پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار، مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار.

زەبۇر — Chapters