Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ قەلبىمنى، بىلدىڭ مېنى.

[2] بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى، چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى.

[3] كۆرۈپ تۇرىسەن يۈرۈش-تۇرۇشۇمنى، ئېنىق ئۇقىسەن بارلىق ئىشلىرىمنى.

[4] ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن سۆزلىرىمنى، ھەتتا ئېغىزىمدىن چىقارماستا ئۇلارنى.

[5] باردۇرسەن ئەتراپىمدا، قويدۇڭ قولۇڭنى دولامغا.

[6] قۇدرىتىڭ ئەقلىمنى لال قىلار شۇنچە، ئەقلىم يەتمەس بۇ سىرلارنى بىلىشكە.

[7] نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن، نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينىڭدىن.

[8] ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە، لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە.

[9] پەرۋاز قىلىپ قانىتىدا سەھەرنىڭ، تۇتسام ماكان ئەڭ چېتىدە دېڭىزنىڭ.

[10] ئۇ يەردىمۇ يېتەكلەر قولۇڭ، يۆلەر مېنى ئوڭ قولۇڭ.

[11] مۆكۈنۈۋالاي دەپ ئويلىساممۇ قاراڭغۇلۇققا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق گەر تۈنگە ئايلانسا،

[12] تۈن زۇلمىتى قاراڭغۇ كۆرۈنمەس ساڭا، كېچە گويا كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرار، قاراڭغۇلۇق يوقتۇر سەن ئۈچۈن ئەسلا.

[13] شۇنداق، سەن ياراتتىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى، ئاپىرىدە قىلدىڭ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى.

[14] شۈكۈر-رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا، چۈنكى قالتىس، ئالامەت ياراتتىڭ مېنى. شۇنچە كارامەت ئىجادىيەتلىرىڭ، ياخشى بىلىمەن قەلبىمدە بۇنى.

[15] مېنى پىنھان ياراتقىنىڭدا، پۈتۈلگەندە ئانامنىڭ قورسىقىغا، ساڭا يوچۇن ئەمەستى تېنىم ئەسلا.

[16] كۆرگەنىدىڭ ھامىلە چېغىمدا مېنى، كەلمەي تۇرۇپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنى، تەقدىرىم دەپتىرىڭگە يېزىلغانىدى.

[17] شۇنچە قەدىرلىكتۇر مەن ھەققىدىكى ئويلىرىڭ، ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ھېچبىر سانى يوقتۇر ئەسلا.

[18] سانىماق بولسام ئۇلارنى قۇمدىنمۇ كۆپتۇر ھەتتا، ئەتىگەندە ئويغانغىنىمدا مەن ھەققىدە ئويلايسەن يەنىلا.

[19] ئى خۇدا، جۇدا قىلغىن رەزىللەرنى جېنىدىن، ئەي قانخورلار، يىراق قېچىڭلار مېنىڭدىن.

[20] كۇپۇرلۇق سۆزلەر سەن ھەققىدە، ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ نامىڭنى قالايمىقان ئېلىپ تىلغا.

[21] ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۆچ بولغانلارغا ئۆچ بولماسمەنمۇ؟ ساڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يىرگەنمەسمەنمۇ؟

[22] ئۇلارغا ئۆچ بولىمەن چىش-تىرنىقىمغىچە، ئۇلارنى دۈشمەن ھېسابلايمەن ئۆزۈمگە.

[23] كۆرگىن قەلبىمنى، ئى خۇدا، بىلگىن مېنى، سىناپ كۆر مېنى، بىلگىن ئوي-خىياللىرىمنى.

[24] باققىن بىرەر يامانلىق بارمۇ-يوق مەندە، مەڭگۈلۈك يولۇڭدا مېنى يېتەكلە.

زەبۇر — Chapters