Skip to content
Opens in a new window

[1] «ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنىدى ئۇلار.» ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!

[2] «ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار، بىراق غەلىبە قىلالمىدى ئۈستۈمدىن زىنھار.»

[3] قوشچى يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرغان كەبى، قامچىدا ئۇلار دۇمبەمگە ئىزلار سالدى.

[4] ئادالەتلىك، ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، رەزىللەرنىڭ ئاسارىتىنى ئۇ سۇندۇرار.

[5] سىئونغا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلار، رەسۋا قىلىنىپ ئارقىسىغا چېكىندۈرۈلسۇن.

[6] خۇددى ئۆگزىدە ئۈنۈپ قالغان چۆپلەردەك ئورۇلماي تۇرۇپ ئۇلار سولۇشۇپ قالسۇن.

[7] چۆپ ئورىغۇچى چۆپنى يىغسا بىر تۇتاممۇ چىقمىسۇن. چۆپ باغلىغۇچى باغلىسا بىر باغلامغا توشمىسۇن.

[8] يولدىن ئۆتكەنلەر دېمەس بۇ قۇتلۇق تىلەكنى ئۇلارغا: «ئىگىمىز بەرىكەت بەرسۇن ئىشىڭلارغا، سىلەرگە بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا.»

زەبۇر — Chapters