Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى خۇدا، ئاڭلىغايسەن پەريادىمنى، قوبۇل قىلغىن ساڭا قىلغان دۇئايىمنى.

[2] چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا، يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.

[3] شۈبھىسىزكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىم، دۈشمىنىمدىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغىنىم.

[4] چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي، قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي. سېلاھ

[5] ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى، بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.

[6] ئۇزارتىپ پادىشاھنىڭ ئۆمرىنى، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئەتكىن تەختىنى.

[7] ئى خۇدا، ئۇ مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرسۇن كۆز ئالدىڭدا، قوغدىغاي ئۇنى مۇھەببىتىڭ ۋە ساداقىتىڭ دائىما.

[8] نەغمە-ناۋا قىلاي مەڭگۈ ئاتاپ سېنىڭ نامىڭغا، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى ھەر كۈنى قىلىپ ئادا.

زەبۇر — Chapters