[1] ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.
[2] قۇدرىتىنى خۇدانىڭ كىممۇ تولۇق تەرىپلىيەلەر؟ كىم ئۇنىڭغا ئېيتالار مۇكەممەل مەدھىيەلەر؟
[3] نەقەدەر بەختلىك-ھە، ئادالەتلىك ئىش قىلغانلار، ھەر دائىم ھەققانىيەت يولىنى تۇتقانلار.
[4] ئى پەرۋەردىگار، ئالغايسەن مېنى ئېسىڭگە، ھىممىتىڭنى كۆرسەتكىنىڭدە ئۆز خەلقىڭگە. خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن نىجاتلىقىڭ كەلگەندە.
[5] ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي، ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.
[6] خۇددى ئەجدادلىرىمىزدەك بىزمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، رەزىل، ئىپلاس ھەم يامان ئىشلارنى ھەممىمىز قىلدۇق.
[7] ئەجدادلىرىمىز مىسىردىكى چېغىدا، مەنسىتمىگەنىدى خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى. ئىسيان كۆتەرگەنىدى ئۇلار قىزىل دېڭىز بويىدا، ئېسىدىمۇ تۇتماستىن خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى.
[8] ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.
[9] ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن سۈيى قۇرۇپ قىزىل دېڭىزنىڭ، ئۇلارنى خۇددى چۆللۈكتە ئېلىپ ماڭغاندەك دېڭىز ئاستىدىن يېتەكلەپ ماڭغانىدى.
[10] پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قوللىرىدىن ئازاد قىلدى، رەقىبلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.
[11] دۈشمەنلىرى سۇ ئاستىدا غەرق بولدى، ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ ھايات قالمىدى.
[12] شۇندىلا خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى ئۇلار، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ئوقۇدى كۈي-ناخشىلار.
[13] لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.
[14] ئۇلار چۆلدە نەپسىگە تەسلىم بولدى، ھەم پەرۋەردىگارنى سىناپ كۆردى.
[15] تەلەپ قىلغان نەرسىسىنى پەرۋەردىگار بەردى ئۇلارغا، بىراق بىر كېسەلنى كۈشەندە قىلىپ ئەۋەتتى ئۇلارغا.
[16] چېدىرلىرىدا ئۇلار ھەسەت قىلدى ھەزرىتى مۇساغا، ۋە خۇدا تاللىغان مۇقەددەس روھانىي ھارۇنغا.
[17] شۇنىڭ بىلەن يەر يېرىلىپ داتاننى يۇتۇۋالدى، ئابىرامنى ھەمراھلىرى بىلەن قاپسىۋالدى.
[18] ھەمراھلىرى ئارىسىغا ئوت چۈشۈرۈلگەنىدى، ئوت يالقۇنى رەزىللەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
[19] موزاي بۇتنى ياساپ ئۇلار سىناي تېغىدا، سەجدە قىلىپ چوقۇندى شۇ ئالتۇن بۇتقا.
[20] چۆپ يەيدىغان بىر كالىنىڭ بۇتىنى ئۇلار، قويدى شان-شەرەپلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئورنىغا.
[21] ئۇنتۇدى ئۇلار قۇتقۇزغۇچىسى خۇدانى، مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچىنى.
[22] كارامىتىنى كۆرسىتىپ قىزىل دېڭىزدا، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقۇچىنى.
[23] شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.
[24] ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.
[25] قاقشاپ تۇرۇپ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىدا، قۇلاق سالمىدى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا.
[26] شۇڭا خۇدا قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، دېدىكى: «ئۇلارنى چۆللەردە يوقىتىمەن.
[27] ئەۋلادلىرىنى يات ئەللەردە ۋەيران قىلىپ، ياقا يۇرت، يىراقلارغا تارقىتىمەن.»
[28] پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى.
[29] قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى خۇدانىڭ، شۇ ۋەجىدىن ۋابا كېسەل تارقالدى ئارىسىغا ئۇلارنىڭ.
[30] شۇڭا پىنىخاس چىقىپ ئوتتۇرىغا، توختاتتى ئۇ ۋابانى دادىللىقىدا.
[31] بۇنىڭ بىلەن پىنىخاس ھەققانىي دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ تۆھپىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە تارقالدى.
[32] خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ئۇلار يەنە مىرىبادا پەيدا بولغان سۇنىڭ بويىدا. بۇ سەۋەبلىك ئازار يەتتى مۇساغا.
[33] چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ جېنىغا تەگكەچ، بىخەستەلىك قىلىپ مۇسا سۆزلەپ سالدى ئۇلارغا.
[34] پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ھالاك قىلماي ھەممە يات ئەللەرنى،
[35] ئەكسىچە ئارىلىشىپ ئۇلار بىلەن ئۆگەندى ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى.
[36] چوقۇندى ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا، ھالاكەت ئېلىپ كەلدى بۇت ئۇلارغا.
[37] قىز-ئوغۇللىرىنى ئاتىدى قۇربانلىققا، بېغىشلاپ ئۇلارنى جىن-شەيتانغا.
[38] ئاتاپ كەنئاندىكى بۇتلارغا، ئۇلار تۆكتى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ بىگۇناھ قانلىرىنى، قانلار بۇلغىدى زېمىننى.
[39] پاھىشە ئايالدەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى، بۇلغىدى ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى.
[40] پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان خەلقىگە غەزەپلەندى، پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان قوۋمىدىن نەپرەتلەندى.
[41] شۇڭا ئۇلارنى تاشلاپ بەردى يات ئەللەرنىڭ قولىغا، ئۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەر ھۆكۈمرانلىق قىلدى ئۇلارغا.
[42] رەقىبلىرى قولىدا ئېزىلدى ئۇلار، قەددىنى پۈكۈپ، بېشىنى ئەگدى ياۋلار.
[43] تالاي قېتىم قۇتقۇزسىمۇ ئۇلارنى پەرۋەردىگار، ئەمما قەستەن بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ كەلگەچ، بولدى گۇمران ئاخىردا گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار.
[44] شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغاندا، رەھىمدىللىك بىلەن نەزەر سالدى خۇدا جاپالىرىغا.
[45] ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئەھدىسىنى ئېسىگە ئېلىپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىرلە بۇرۇنقى نىيىتىدىن يېنىپ،
[46] ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى، ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.
[47] ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن بىزنى، قايتا يىغىپ ئەكەلگىن يۇرتىمىزغا بىزلەرنى. شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى، شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.
[48] مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! خالايىقلار «ئامىن» دېسۇن بىرلىكتە! پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!