Skip to content
Opens in a new window

[1] ئاڭلىسۇن دەپ پەرۋەردىگار، بار ئاۋازىمدا نالە-پەرياد قىلىمەن، پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يېلىنىمەن.

[2] مەن ئۇنىڭغا دەردلىرىمنى تۆكىمەن، ھەم ئۇنىڭغا مۈشكۈللىرىمنى ئېيتىمەن.

[3] رەقىبلىرىم يوللىرىمغا قىلتاق قۇرغان بولسىمۇ، روھىم مېنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۈگىشەي دېسىمۇ، ئۆزۈڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن شۇنداقتىمۇ.

[4] پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.

[5] ئى ئىلاھىم، پەرياد چېكىپ ساڭا دېدىم: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، پانىي ئالەم قۇچىقىدا نېسىۋەمسەن.»

[6] ئى ئىگەم، پەريادىمغا قۇلاق سالغىن، ئەھۋالىم بەك ناچار-مۈشكۈلدۇر. قۇتقۇز مېنى ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىن، چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.

[7] شۈكۈر ئېيتماق ئۈچۈن سېنىڭ نامىڭغا، ئۆزۈڭ مېنى چىقارغايسەن زىنداندىن. ھەققانىيلار شۇندىلا ئولىشىدۇ ئەتراپىمغا، چۈنكى زور مېھرىبانلىققا ئېرىشىمەن سېنىڭدىن.

زەبۇر — Chapters