Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! ئەي ئۇنىڭ قۇللىرى، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار، پەرۋەردىگار نامىغا مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار.

[2] تەرىپلەنسۇن نام-شۆھرىتى خۇدانىڭ ھازىرمۇ ۋە كېيىنمۇ تا ئاداققىچە. مەدھىيەلەنسۇن نام-شۆھرىتى خۇدانىڭ سۈبھى-تاڭدىن تاكى گۇگۇم-شامغىچە.

[4] ھۆكۈمرانلىق قىلار خۇدا بارچە ئىنسان ئۈستىدىن، شان-شەرىپى بۈيۈكتۇر، ئۈستۈن تۇرار پەلەكتىن.

[5] ھېچكىم تەڭ بولالماس ئىگىمىز پەرۋەردىگارغا، كىممۇ ئوخشار ئۇ ساماۋى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئاسمان-زېمىنغا يۇقىرىدىن نەزەر سالغۇچىغا؟

[7] ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن.

[8] ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ شاھزادىلىرى يېنىغا.

[9] ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.

زەبۇر — Chapters