[1] دەريا-ئۆستەڭ بويىغا يىغىلغاندا بابىلدا، سىئوننى ئەسلەپ كۆزىمىز تولدى ياشقا.
[2] لىرالىرىمىز ئېسىقلىق تۇراتتى سۆگەت شېخىدا.
[3] چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار ناخشا تەلەپ قىلاتتى بىزدىن، كۆڭۈللىرىنى ئېچىشقا. جېنىمىزنى قىينىغانلار كۈلۈپ تۇرۇپ دەيتتى بىزگە: «ئېيتىپ بەر سىئوننىڭ مۇناجاتلىرىدىن.»
[4] ياقا يۇرتتا قانداقمۇ ئېيتايلى ئۇنى _ پەرۋەردىگارنىڭ مۇناجىتىنى.
[5] ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام، قۇرۇسۇن ئوڭ قولۇم.
[6] ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام، سېنى ئەڭ زور خۇشاللىقىم دەپ بىلمىسەم، چاپلىشىپ قالسۇن تاڭلىيىمغا تىلىم.
[7] ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»
[8] ئەي بابىللىق، ۋەيران بولغۇچىلار، بەختلىكتۇر بىزگە قىلغان يامانلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرغۇچىلار.
[9] بەختلىكتۇر بوۋاقلىرىڭلارنى تاشقا ئاتقۇچىلار.