Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، تاپارمەن سەندىن پاناھ، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن دائىما.

[2] قۇتقۇز تېزدىن مېنى، قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، پاناھلىناي مەن سەندە، قورام تاش بولغىن ماڭا، قۇتقۇزۇشقا جېنىمنى قورغان بولۇپ بەرگىن ماڭا.

[3] بەرھەق، قورام تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن مېنىڭ، يېتەكلە مېنى ئۆزۈڭ، ھۆرمىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ.

[4] دۈشمەنلەرنىڭ تۇزاقلىرىدىن ساقلىغايسەن، چۈنكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن.

[5] ئى پەرۋەردىگار _ ۋاپادار خۇدا، تاپشۇردۇم روھىمنى قولۇڭغا، تەييارسەن ئۆزۈڭ مېنى قۇتقۇزۇشقا.

[6] ئۆچ كۆرىمەن بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، باغلىغانمەن پەرۋەردىگارغا ئىشەنچىمنى.

[7] مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ شاد-خۇرام قىلار مېنى، بەرھەق، كۆردۈڭ جاپالىرىمنى، بىلىپ يەتتىڭ ئازابلىرىمنى.

[8] مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا.

[9] ئى پەرۋەردىگار، قىلغايسەن ماڭا رەھىم، چۈنكى، مەن كۈلپەتتە قالدىم، دەرد-ئەلەمدىن خىرەلەشتى كۆزلىرىم، ئاجىزلاپ كەتتى ھەم روھىم، تېنىم.

[10] ئۇپرىماقتا ھەسرەت بىلەن ھاياتىم، غەم-قايغۇدا تۈگىمەكتە يىللىرىم، ماغدۇرۇم كەتمەكتە گۇناھلىرىم دەستىدىن، قۇرۇپ، قاقشال بولماقتا ئۇستىخان، يىلىكلىرىم.

[11] قالدىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ھاقارىتىگە، ھەتتا قوشنىلىرىمنىڭ ئاھانىتىگە. بولدۇم مەن تونۇشلىرىمغا بىر ۋەھىمە، قاچار ئۇلار كوچىدا مېنى كۆرسە.

[12] ئۇنتۇلدۇم مەن خۇددى ئۆلگەن ئادەملەردەك، تاشلاندىم بەئەينى سۇنغان ساپال قاچىلاردەك.

[13] ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى، ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى. مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار، پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى.

[14] ئى پەرۋەردىگار، تايانچىم پەقەت سەن، دەيمەن شۇڭا: «سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.»

[15] ھاياتىم ئىلكىڭدىدۇر پەقەت سېنىڭ، چاڭگىلىدىن قۇتقۇز مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ _ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ.

[16] چۈشۈرگىن قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ نۇرىنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇزغىن مېنى.

[17] ئى پەرۋەردىگار، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، چۈنكى مەن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا. رەزىللەر بولغاي شەرمەندە، زۇۋانى تۇتۇلۇپ بارغاي گۆرگە.

[18] ھەققانىيلارغا كىبىر كۆرسىتىپ، مازاق قىلغۇچىلارنىڭ، چاپلىشىپ قالغاي يالغان سۆزلىگەن لەۋلىرى ئۇلارنىڭ.

[19] ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، ئىلتىپاتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر ئۇلارغا. ئاتا قىلىسەن نېمەتلىرىڭنى سېنى پاناھ تارتقانلارغا، جاھان ئەھلى _ خەلقىئالەم ئالدىدا.

[20] سېنى پاناھ قىلغانلارنى ساقلاپ ھۇزۇرۇڭدا، قوغدايسەن ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، ئېلىپ ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭغا، ساقلايسەن چېقىمچىلارنىڭ تىللىرىدىن.

[21] ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا، چۈنكى ئۇ كۆرسەتتى ماڭا ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى، شەھەر قورشاۋدا قالغاندا.

[22] دەككە-دۈككىدە دېگەنىدىم: «نەزىرىڭدىن مەھرۇم بولدۇم.» لېكىن ساڭا نالە قىلىپ يىغلىغىنىمدا، قۇلاق سالدىڭ پەريادىمغا.

[23] ئەي پەرۋەردىگارنىڭ تەقۋادارلىرى، سۆيۈڭلار ئۇنى، پەرۋەردىگار قوغدار ئۆزىگە سادىقلارنى، ئەمما قاتتىق جازالار ھاكاۋۇرلارنى.

[24] ئەي ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار، غەيرەتلىك بولۇڭلار، جاسارەتكە تولسۇن قەلبىڭلار.

زەبۇر — Chapters