Skip to content
Opens in a new window

[1] قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا ئى خۇدا، بىپەرۋا بولمىغىن ئىلتىجايىمغا.

[2] جاۋاب بەرگىن نەزەر سېلىپ بۇ ھالىمغا، يۈرىمەن قاقشاپ، پەرىشانمەن دائىما.

[3] سالدى دۈشمەنلەر تەھدىت ماڭا، رەزىللەر سالماقتا جەبىر-جاپا. شىكايەت قىلار ئۇلار ماڭا، قەھرىدىن بالا ياغار بېشىمغا.

[4] يۈرىكىم سىقىلار قەپىسىدە، ۋۇجۇدۇم بېسىلار ئۆلۈم تەشۋىشىدە.

[5] ئەنسىزلىك چىرماپ ئالدى جىسمىمنى، ۋەھىمە، تىترەكلەر قاپلىماقتا مېنى.

[6] بولسا ئىدى قانىتىم كەپتەرلەر كەبى، پەرۋاز قىلىپ تاپار ئىدىم ئارامگاھنى.

[7] دەر ھەقىقەت قېچىپ بېرىپ يىراقلارغا، قونار ئىدىم چۆل-جەزىرە، باياۋانغا. سېلاھ

[8] ئۇ يەرلەردىن بىر پاناھ جاي تاپار ئىدىم، بوران-چاپقۇن، قۇيۇنلاردىن قۇتۇلار ئىدىم.

[9] ئى ئىگەم، بىسەرەمجان قىلىپ ياۋلىرىمنى، بۆلىۋەتكىن بىرقانچىغا تىللىرىنى. چۈنكى كۆردۈممەن شەھىرىمىزدە زوراۋاننىڭ ھەرىكىتى ۋە جېدىلىنى.

[10] قاراۋۇللۇق قىلار ئۇلار كېچە-كۈندۈز، ئايلىنىپ يۈرۈپ شەھەر سېپىلىنى. ۋاھالەنكى، قاپلىغان شەھەرنى جىنايەت ۋە شۇملۇق، ئۆز ئىلكىگە ئالغان زۇلۇم، ھىيلە ۋە بۇزۇقچىلىق.

[12] دۈشمەنلىرىم ئەمەس ماڭا ھاقارەت قىلغانلار، بولمىسا سەۋر-تاقەت قىلار ئىدىم. ئۆچمەنلىرىم ئەمەس مېنى كەمسىتكەنلەر، بولمىسا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرار ئىدىم.

[13] ئەمما بۇنى قىلغۇچى دەل سەن _ مېنىڭ يېقىنىم، جانجىگەر دوستۇم ۋە ياخشى ھەمراھىم.

[14] بىز سىرداش دوستلار ئىدۇق، مۇقەددەس ئىبادەتخانا ھويلىسىدا جامائەت ئارىسىدا بىللە يۈرگەنىدۇق.

[15] ئۆلۈم دۈشمەنلىرىمنى قوينىغا ئالسۇن تۇيۇقسىزلا، تىرىك كەتسۇن ئۇلار ئۆلۈكلەر ماكانىغا، چۈنكى رەزىللىك ماكان تۇتار ئۇلارنىڭ دىللىرىدا.

[16] ئىلتىجا قىلارمەن يالۋۇرۇپ خۇداغا، پەرۋەردىگارىم نىجاتلىق بېرەر ماڭا.

[17] پەرياد قىلسام تۆكۈپ دەردىمنى، خۇدا ئاڭلار ئاۋازىمنى، ئەتىگەن، چۈش ۋە ئاخشىمى.

[18] گەرچە شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، قارشى چىققانلار ماڭا. ئۇ قۇتقۇزار جەڭلەردە مېنى، زەرەر يەتكۈزمەي جېنىمغا.

[19] ئەزەلدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگۈچى، ئاڭلاپ مېنىڭ دۇئالىرىمنى، سېلاھ مات قىلار دۈشمەنلىرىمنى. چۈنكى ئۇلار يانماس يولىدىن، قورقماس ھەم خۇدايىمدىن.

[20] ئۇ ھەمراھىم مۇشت كۆتۈردى، ئۆزىنى دوست بىلگەنلەرگە. خىلاپلىق قىلدى ئۇ ھەم دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىگە.

[21] سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.

[22] پەرۋەردىگارغا تاپشۇر غەم-قايغۇڭنى، ئۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەر سېنى. پەرۋەردىگار يىقىتماس ھەرگىز، توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى.

[23] ئېھ خۇدا، سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى، قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى، ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى.

زەبۇر — Chapters