[1] پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.
[2] مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ نەزەر سالسام، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرىپىڭنى كۆرۈۋالسام.
[3] ھاياتتىنمۇ قىممەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، شۇڭا سېنى مەدھىيەلەر تىلىم مېنىڭ.
[4] تەرىپلەيمەن ئىگەم سېنى جېنىم تەندە بولسىلا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىمەن ساڭىلا.
[5] ئورنۇمدا يېتىپ خۇدا سېنى ئويلىسام، كېچىلىرى سەن ھەققىدە خىيال قىلسام، شادلىققا چۆمۈپ مەدھىيەلەر تۆكۈلەر ئاغزىمدىن، قورسىقىم تويغاندەك مول داستىخاندىن، روھىم تويدى سېنىڭ مول ئىلتىپاتىڭدىن.
[7] سەن مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ ماڭا ئى خۇدا، كۈيلەيمەن سېنى قاناتلىرىڭ سايىسىدا.
[8] بىردىنبىر تايانچىم بىلدىم سېنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەر مېنى.
[9] ئەمما تېگى يوق گۆرگە چۈشەر، جېنىمنىڭ پېيىگە چۈشكەنلەر.
[10] قىلىچتا ئېلىنار ئۇلارنىڭ جانلىرى، چىلبۆرىگە يەم بولار ھەم ئۇلارنىڭ تەنلىرى.
[11] ئىشىنىمەنكى پادىشاھ خۇدادىن خۇرسەن بولار، «خۇدا گۇۋاھ» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر خۇدانى ئۇلۇغلار، بەرھەق، يالغان سۆزلىگەنلەرنىڭ زۇۋانى تۇتۇلار.