[1] شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.
[2] نىدا قىلارمەن خۇداغا _ ئۇلۇغ بولغۇچىغا، مەن ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا.
[3] ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى، شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.
[4] مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ، ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ. تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا، نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.
[5] ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.
[6] تۇزاق قۇرار يوللىرىمغا رەقىبلىرىم، ئەلەملەردىن ئېزىلدى بۇ يۈرەكلىرىم. ئۇلار ئورا كولىۋىدى يوللىرىمغا، ئۆزلىرى چۈشتى قازغان ئورىلىرىغا. سېلاھ
[7] ئىشەنچىم كامىل خۇدا، ئىشەنچىم كامىل ساڭا، شۇڭا مەدھىيە ئوقۇپ ئېيتىمەن ساڭا ناخشا.
[8] ئويغان ئەي روھىم! سايرا لىرا، چىلتارىم! ئويغىتايلى تاڭنى نەغمە-ساز بىلەن، ئويغىتايلى تاڭنى مەدھىيە بىلەن.
[9] ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، ئى ئىگەم خۇدا، سېنى كۈيلەيمەن بارچە ئەل، خەلقىئالەم ئارا.
[10] چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسمان كەبى بىپايان، ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر بۇلۇتلارغا تاقاشقان.
[11] ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.