Skip to content
Opens in a new window

[1] ئېھ پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل بۆلگىن ئاھۇزارىمغا.

[2] ئېھ ئىلاھىم، پادىشاھىم، يەتكىن مېنىڭ ھالىمغا، دۇئا قىلماقتىمەن چۈنكى ساڭا.

[3] ئېھ پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى، تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى.

[4] خۇدادۇرسەن ياقتۇرمايدىغان يامانلىقنى، ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمايسەن رەزىللىكنى.

[5] نەپرەتلىنىسەن ئەسكىلىك قىلغۇچىلارغا، تىك تۇرالماس ھاكاۋۇرلار ئالدىڭدا.

[6] ھالاك قىلىسەن يالغانچىلارنى، ئۆچ كۆرىسەن قانخور، ھىيلىگەرلەرنى.

[7] شۇنداق، مەن كىرىمەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە، چەكسىز، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ماڭا. سەجدە قىلىمەن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭدا، ئىخلاسىم باردۇر ساڭا.

[8] ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا.

[9] سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا، رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى، ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى، خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى.

[10] ئى خۇدا، بېكىتكەيسەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئۆزى كولىغان ئورىدا كۆرسۇن ئۇلار ئۆزلىرىنى. ئىتائەتسىزلىك قىلغاچقا ئۇلار ساڭا، كۆپ گۇناھقا پاتتى ئۇلار، قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى.

[11] ئەمما سەندىن خۇرسەن بولسۇن پاناھىڭغا ئېرىشكەنلەر، ئۇلار دائىم شادلىنىپ، ياڭراتسۇن ناخشا-كۈيلەر. سەن ئالغايسەن ئۇلارنى قانىتىڭنىڭ ئاستىغا، شۇ ۋاقىتتا سېنىڭدىن شادلىنىدۇ سېنى سۆيگەنلەر.

[12] ئى پەرۋەردىگار، بەخت ئاتا قىلىسەن ھەققانىيلارغا، ساخاۋىتىڭنى قالقان قىلىپ، باشپاناھ بولىسەن ئۇلارغا.

زەبۇر — Chapters