Skip to content
Opens in a new window

[1] چاڭقىغان كېيىك تەشنا بولغاندەك ئېقىنلارغا، تەشنا بولدۇم ساڭا، ئى خۇدا!

[2] ئىنتىزارمەن ساڭا _ ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇدا، قاچانمۇ كۆرەرمەن سېنىڭ چېھرىڭنى، كىرىپ ھۇزۇرۇڭغا؟

[3] كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا، «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.

[4] كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.

[5] ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.

[6] ئى ئىلاھىم، غەم باستى كۆڭلۈمنى، شۇڭا ئەسلەيمەن سېنى، ئىئوردان زېمىنىدا، خەرمون ۋە مىزار تاغلىرىدا.

[7] گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك، توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ، بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.

[8] كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى، كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى، ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى.

[9] ئېيتارمەن قورام تېشىم خۇداغا: ئۇنتۇپ قالدىڭ نېچۈن مېنى؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟

[10] ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى، دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى.

[11] ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.

زەبۇر — Chapters