Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا، ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا.

[2] قالقانلىرىڭنى ئېلىپ قولۇڭغا، ياردەم قىلغىن كېلىپ يېنىمغا.

[3] ئايپالتا ۋە نەيزەڭ بىلەن توسۇۋالغىن مېنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى، «مەن سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ» دەپ ماڭا، رىغبەتلەندۈر روھىمنى.

[4] جېنىمنى ئالماق بولغانلار، شەرمەندە بولغاي، رەسۋا بولۇپ. ماڭا سۇيىقەست قىلىۋاتقانلار، يانسۇن كەينىگە، قارا يۈز بولۇپ.

[5] پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى يىراق قوغلىۋەتكەي، ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي.

[6] قوغلىۋەتكەي ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، قاراڭغۇ ھەم تېيىلغاق بولغاي ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرى.

[7] ئۇلار ماڭا تۇزاق قۇرۇپ سەۋەبسىزلا، ئالماق بولدى جېنىمنى كولاپ ئورا.

[8] تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا، ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا.

[9] شادلىنارمەن شۇندا مەن پەرۋەردىگاردىن، بولارمەن خۇشال ماڭا بەرگەن نىجاتلىقىدىن.

[10] دەيمەن چىن قەلبىمدىن: «ئى پەرۋەردىگار، تەڭ كېلەر كىممۇ ساڭا؟ ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەردىن قۇتقۇزغۇچى پەقەت سەنلا، ئېزىلگەن، موھتاجلارنى زالىملاردىن قوغدايدىغان يەنە سەنلا.»

[11] ئوتتۇرىغا چىقىپ نىيىتى يامان گۇۋاھچىلار، خەۋىرىم يوق ئىشلارنى سوراپ سوراق قىلار.

[12] ياخشىلىقىمغا يامانلىق قايتۇرۇپ ئۇلار، ئىچ-ئىچىمدىن مېنى ئازابتا قالدۇرار.

[13] ماتا كىيدىم قايغۇرۇپ، ئۇلار كېسەل بولغاندا، كەمتەر بولۇپ روزا تۇتتۇم، ئۇلار ئۈچۈن قىلدىم دۇئا، جاۋابسىز قالدى لېكىن دۇئالىرىم ھەر زامان.

[14] قايغۇردۇم قېرىندىشىم ياكى دوستۇم ئۈچۈن ئازابلانغاندەك، مەيۈسلەندىم خۇددى ئانىسى ئۈچۈن ماتەم تۇتقان ئادەمدەك.

[15] پۇتلىشىپ كېتىۋېدىم خۇشال بولۇپ ئولاشتى ئەتراپىمغا، جەم بولۇشتى ھەم ماڭا قارشى چىقىشقا. ناتونۇش پەس ئادەملەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇلارغا، مازاق قىلىپ، توختىماي زەربە بەردى ماڭا.

[16] نومۇسسىزلارچە مەسخىرە قىلىشىپ مېنى، خىرىس قىلىشىپ، غۇچۇرلاتتى چىشلىرىنى.

[17] ئى پەرۋەردىگار، قاراپ تۇرارسەن قاچانغىچە؟ قۇتقۇز مېنى ياۋۇزلارنىڭ زەربىسىدىن، ئەزىز جېنىمنى قانخور شىرنىڭ ئېغىزىدىن.

[18] تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا جامائەت ئالدىدا، مەدھىيەلەيمەن سېنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.

[19] زاڭلىق قىلىپ كۈلمىسۇن ماڭا سەۋەبسىزلا رەقىب بولغانلار، كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قالغانلار.

[20] شۈبھىسىزكى، ئېلىپ قويماس ئۇلار ئىناقلىقنى ئېغىزلىرىغا، بەلكى تۈزەر شۇم پىلانلار تىنچ-خاتىرجەم ياشايدىغانلارغا.

[21] ۋارقىرىشار ئۇلار ماڭا چوڭ ئېچىپ ئېغىزلىرىنى: «ۋاي، كۆردۇق ئۆز كۆزىمىز بىلەن قىلمىشلىرىڭنى.»

[22] ئى ئىگەم، كۆردۈڭ ئۇلارنى، سۈكۈت قىلمىغىن، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشمىغىن.

[23] ئۆتۈنەي، چىقارغىن ماڭا ئادىل ھۆكۈمۈڭنى، ئى خۇدا، ئى ئىگەم قوللىغايسەن دەۋايىمنى.

[24] ئى پەرۋەردىگار، ئىلاھىم ئادالىتىڭدە ئاقلىغىن مېنى، مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكە يول قويمىغىن دۈشمەنلىرىمنى.

[25] يول قويمىغىن، «ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دېيىشكە ئۇلارنى، يول قويمىغىن، «بىز ئاخىر يۇتۇۋالدۇق ئۇنى» دەپ ماختىنىشقا ئۇلارنى.

[26] كۈلپىتىمدىن خۇشال بولغانلار، غەپلەت بېسىپ شەرمەندە بولغاي. مەندىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقانلار، رەسۋا بولۇپ نومۇستا قالغاي.

[27] گۇناھسىزلىقىمدىن خۇش بولىدىغانلار، چۇقان سالسۇن چۆمۈپ شادلىققا. «قۇلىنىڭ ئامانلىقىدىن سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن ئۇلار ھەر چاغدا.

[28] بايان ئەيلەر تىلىم ئادالىتىڭنى، كۈنبويى مەدھىيەلەيمەن سېنى.

زەبۇر — Chapters