[1] قۇتۇلدۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، تۈگەپ كەتتى تەقۋادارلار، قالمىدى ساڭا سادىق ئىنسانلار.
[2] يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.
[3] دەيدۇ ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غالىب كېلىمىز، ئۆزىمىزنىڭكىدۇر ئاغزىمىز، كىممۇ بولالايتتى خوجىمىز؟!» پەرۋەردىگار ئېتىۋەتكەي خۇشامەتچىلەرنىڭ ئېغىزلىرىنى، كېسىۋەتكەي ھەم پوچىلارنىڭ تىللىرىنى.
[5] «مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»
[6] تونۇردا يەتتە قېتىم تاۋلانغان ساپ كۈمۈش كەبى، چىن سۆزلەردۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى.
[7] ئى پەرۋەردىگار، قوغدىغايسەن مىسكىنلەرنى، مەڭگۈ قوغدىغايسەن بۇ دەۋردىكىلەردىن بىزنى.
[8] تەرىپلىشىپ پەس ئىشلارنى ئىنسانلار، غادىيىپ يۈرۈشىدۇ ئەتراپىمىزدا يامانلار.
زەبۇر — Chapters
123456789101112131415161718192021222324252627282930313233343536373839404142434445464748495051525354555657585960616263646566676869707172737475767778798081828384858687888990919293949596979899100101102103104105106107108109110111112113114115116117118119120121122123124125126127128129130131132133134135136137138139140141142143144145146147148149150