Skip to content
Opens in a new window

[1] ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، ئىگىمىزنى كۈيلىمەك بەختتۇر بىزگە، خۇشاللىقتۇر مەدھىيە ئوقۇش خۇداغا، ھەمدۇسانالار لايىقتۇر ئۇنىڭ شەنىگە.

[2] ئىگىمىز قايتىدىن قۇرىدۇ يېرۇسالېمنى، ئىسرائىلغا يېڭىدىن يىغىدۇ سۈرگۈن بولغانلارنى.

[3] كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.

[4] خۇدا ئۆزى بەلگىلەيدۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى، ئايرىم نامدا ئاتىغاندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى.

[5] رەببىمىز بۈيۈكتۇر، قۇدرىتى چەكسىز، دانالىقى ئۇنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز.

[6] پەرۋەردىگار يۆلەپ كۆتۈرەر ئاجىزلارنى، ئۇ يەرگە ئۇرار پاسىق-رەزىللەرنى.

[7] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، قوشاق قېتىڭلار، قوشاقلارنى ساز لىرادا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.

[8] ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلارغا تولدۇرۇپ، كۆكتىن يەرگە يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ، تاغ-دالانى ئوت-چۆپلەرگە تولدۇرار.

[9] خۇدا ئاتا قىلار چارۋا-مالغا ئۆز رىزقىنى، ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قاغا بالىلىرى.

[10] ئۇ سۆيۈنمەس ئات كۈچىدىن، چەبدەس، چاققان ئادەم پۇتىدىن.

[11] پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن.

[12] ئەي يېرۇسالېم، پەرۋەردىگارنى ئالقىشلا، ئەي سىئون، مەدھىيە ئوقۇ خۇدايىڭغا.

[13] چۈنكى پەرۋەردىگار دەرۋاز تاقاقلىرىڭنى مەھكەم قىلار، سېپىل ئىچىدىكى پەرزەنتلىرىڭگە بەخت ئاتا قىلار.

[14] ئۇ چېگرالىرىڭغىچە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلەر، ئۇ سىلەرنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن تەمىنلەر.

[15] خۇدا يەر يۈزىگە ئەمر قىلار، ئەمرى تېز بېرىپ ئەمەلگە ئاشار.

[16] پەرۋەردىگار ئاق يۇڭدەك ئاپئاق قارنى ياغدۇرار، نەپىس قىروۋنى پۈتكۈل زېمىنغا كۈلدەك چاچار.

[17] مۆلدۈرلەرنى نان ئۇۋاقلىرىدەك چېچىۋېتەر، كىممۇ ئۇنىڭ سوغۇقىغا بەرداشلىق بېرەر.

[18] پەرۋەردىگار سۆزى بىلەن ئېرىتەر ئۇلارنى، شامىلى بىلەن ئاققۇزار سۇلارنى.

[19] پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزەر ياقۇپنىڭ نەسلىگە، پەرمان ھەم پەرزلىرىنى ئايان قىلار ئىسرائىل خەلقىگە.

[20] پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس. ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا.

زەبۇر — Chapters