Skip to content
Opens in a new window

[1] بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە، بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.

[2] مەسخىرە قىلىشىپ بىزنى يات خەلقلەر، «قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دېيىشەر.

[3] بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشئەلادا تۇرار، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلار.

[4] يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت، ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد.

[5] ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەس، كۆزلىرى تۇرۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەس.

[6] قۇلاقلىرى تۇرسىمۇ ئاڭلىيالماس، بۇرنى تۇرۇپمۇ ھېچنېمىنى پۇرىيالماس.

[7] قوللىرى بولسىمۇ، ئۇلار تۇتالماس، پۇتلىرى بولسىمۇ، ماڭالماس. كانايلىرىدىن ئاۋاز چىقىرالماس.

[8] بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئۆزلىرى ئاخىرى بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.

[9] ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە، ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

[10] ئەي ھارۇن جەمەتى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە، ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

[11] ئەي پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە. ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

[12] پەرۋەردىگار بىزنى ياد ئېتەر، ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرىكەت بېرەر، ھارۇن جەمەتىگە بەرىكەت بېرەر.

[13] ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر، كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.

[14] ئىگىمىزدىن سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا، ھەسسىلەپ بەخت-سائادەت ياغقاي دائىما.

[15] ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى، سىلەرگە ئاتا قىلغاي چەكسىز بەختنى.

[16] ئاسمانلار تەئەللۇقتۇر پەرۋەردىگارغا، زېمىننى ئۇ بەرگەن ئىنسانلارغا.

[17] ئۆلۈكلەر سۈكۈتتىدۇر قەبرىلىكتە، مەدھىيەلەر بولماس گۆردە ئىگىمىزگە.

[18] لېكىن بىز بۈگۈن ۋە تائەبەدكە، رەببىمىزنى تەرىپلەيمىز مەڭگۈگە. ھەمدۇسانا ئوقۇيلى ئىگىمىزگە!

زەبۇر — Chapters