Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار، خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار.

[2] چۈنكى بۈيۈك پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىكتۇر، ئۇ جاھانغا ھۆكۈمدار ئۇلۇغ پادىشاھتۇر.

[3] باش ئەگدۈرۈپ بەردى ئۇ بىزگە دۈشمىنىمىزنى، ئايىغىمىز ئاستىغا يىقىلدۇردى يات خەلقلەرنى.

[4] نېسىۋە قىلىپ بىزگە تاللاپ بەردى بۇ يەرنى، ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى. سېلاھ

[5] ھۆكۈم سۈرمەك بولۇپ خۇدا تەختكە چىقتى چۇقان ئارا، چىقتى پەرۋەردىگار بۇرغا ساداسىدا ئۆز ئورنىغا.

[6] كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا، كۈيلەڭلار پادىشاھىمىزنى ياڭرىتىپ ساز بىلەن ناخشا.

[7] چۈنكى پۈتكۈل جاھانغا پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، مۇناجاتلار ئېيتىپ ئۇنى كۈيلەڭلار.

[8] ھۆكۈم سۈرمەكتە خۇدا بارچە خەلق ئۈستىدە، ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە.

[9] يىغىلىپ جاھاندىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى، قوشۇلىدۇ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ خەلقىگە، بەرھەق، خۇداغا تەۋەدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھلىرى، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، جاھان ئەھلى ئۇلۇغلار ئۇنى.

زەبۇر — Chapters