[1] نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، نەقەدەر بەختلىكتۇر ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار.
[2] بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر، روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر.
[3] ئايالىڭلار ئوخشار مول مېۋە بەرگەن ئۈزۈم تېلىغا، زەيتۇن شېخىدەك كۆپ بولار بالىلىرىڭلار يېنىڭلاردا، داستىخىنىڭلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرار ئۇلار ئەتراپىڭلاردا.
[4] مانا شۇنداق بەرىكەت تاپار پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم.
[5] پەرۋەردىگار سىئوندىن ئاتا قىلسۇن ساڭا بەختنى، كۆرگەيسەن ئۆمۈر بويى روناق تاپقان يېرۇسالېمنى.
[6] ئۆمرۈڭ يەتكەي بالاڭنىڭ بالىلىرىغا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.
زەبۇر — Chapters
123456789101112131415161718192021222324252627282930313233343536373839404142434445464748495051525354555657585960616263646566676869707172737475767778798081828384858687888990919293949596979899100101102103104105106107108109110111112113114115116117118119120121122123124125126127128129130131132133134135136137138139140141142143144145146147148149150