Skip to content
Opens in a new window

[1] كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ بىر چوڭ تاختايغا كىشىلەر ئوقۇيالىغۇدەك ئېنىق قىلىپ: «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش» دەپ يازغىن.

[2] مەن، ئىشەنچلىك بولغان روھانىي ئۇرىيا ۋە يىبەرەكيانىڭ ئوغلى زىكىرىيانى گۇۋاھلىققا چاقىرىمەن، _ دېدى.

[3] كېيىن مەن ئايالىم بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئۇنىڭغا «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش» دەپ ئىسىم قويغىن.

[4] بالىنىڭ «دادا، ئانا» دەپ تىلى چىقىشتىن بۇرۇن، دەمەشقنىڭ ۋە سامارىيەنىڭ ئولجا ئالغان بايلىقلىرى ئاسسۇر پادىشاھى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى.

[5] پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

[6] _ بۇ خەلق تىنچ ئاقىدىغان شىلوخ ئۆستىڭىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ رىزىن ۋە پادىشاھ پېكاھتىن خۇش بولدى.

[7] شۇڭلاشقا مەن پەرۋەردىگار خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ شىددەتلىك سۈيىدەك، ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى باشلاپ كېلىمەن. بۇ قوشۇنلار خۇددى كەلكۈندەك، بوغۇزلارنى بۆسۈپ، قىرغاقلاردىن تېشىپ كېتىدۇ.

[8] بۇ ئېقىم يەھۇدىيەگە سەلدەك كېلىپ، تاشقىنلاپ، ئۇنىڭ بوينىغىچە تاقىشىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان قاناتلىرى پۈتكۈل زېمىنىڭنى تولدۇرىدۇ، ئەي ئىممانۇئېل!

[9] ئەي يات خەلقلەر، سىلەر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ئەي يىراقتىكى ئەللەر، سىلەر قۇلاق سېلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، لېكىن كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، بىراق بەرىبىر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر!

[10] پۇختا ئۇرۇش پىلانى تۈزۈۋېرىڭلار، ئەمما ئۇ كارغا كەلمەيدۇ. بۇيرۇق چۈشۈرۈۋېرىڭلار، بىراق ئۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر.

[11] پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن ماڭا كۈچ بېرىپ، مېنى بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

[12] «بۇ خەلق سۇيىقەست دېگەننى سەن سۇيىقەست دېمە، ئۇلار قورققان ئىشلاردىن سەن قورقما، ۋەھىمىمۇ قىلما.

[13] مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭنى مۇقەددەس دەپ بىل، پەقەت مەندىن قورققىن، پەقەت مەندىن ۋەھىمە قىل.

[14] مەن سىلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولىمەن. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى پادىشاھلىقى پۇتلىشىدىغان، نۇرغۇن ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىدىغان تاش بولىمەن. يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن تۇزاق ۋە قاپقان بولىمەن.

[15] نۇرغۇن ئادەملەر بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ، ئۇلار يىقىلىپ، پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قاپقانغا چۈشۈپ ئەسىر بولىدۇ.»

[16] تەلىملىرىم پۈتۈلگەن يازمىلىرىمنى ئوراپ قويغىن، شاگىرتلىرىمغا ئېيتىلغان بۇ تەلىملىرىمنى پېچەتلەپ قويغىن.

[17] مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.

[18] مانا قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى. مەن ۋە پەرزەنتلىرىم، سىئون تېغىدا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن، بەرگەن نىشان ۋە بېشارەتلىرىدۇر.

[19] ئادەملەر سىلەرگە: «ئۆلگەنلەرنىڭ روھىدىن ياردەم تىلەپ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى بىلىش ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكمۇ؟

[20] ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.

[21] ئۇلار بۇ زېمىندا قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئاچ-يالىڭاچ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاسمانغا قاراپ پادىشاھىغا ۋە خۇداغا لەنەت ئوقۇيدۇ.

[22] ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ.

يەشايا — Chapters