Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: نەگېب چۆللۈكىدە بوران چىققاندەك، چۆللۈكتىن، يەنى ۋەھشىيلەرنىڭ زېمىنىدىن تاجاۋۇزچى كېلىدۇ.

[2] مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»

[3] بۇ ۋەھىي سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ تۇرىدۇ، ئاغرىق مېنى تولغاق ئازابىدەك قىينىماقتا. مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. كۆرگەنلىرىم مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى.

[4] بېشىم پۈتۈنلەي گاڭگىراپ قالدى، قورقۇنچتىن تىترەپ تۇرىمەن. مەن كەچكى شەپەقنى كۈتكەنىدىم. ئەپسۇس، كۆرگىنىم مېنى چۆچۈتۈپ قويدى.

[5] ئۇلار گىلەملەرنى سېلىپ، زىياپەت تەييار قىلىشتى. ئۇلار تائاملارنى يېيىشىپ، شارابلارنى ئىچىشتى. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز كەلدى: «ئەمىرلەر، قالقانلىرىڭلارنى مايلاپ تەييار قىلىڭلار!»

[6] ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «شەھەر قوۋۇقىغا بىر قاراۋۇل قويۇڭلار. ئۇ كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلىپ تۇرسۇن.

[7] ئۇ قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆرگەندە، ئېشەكلەرگە ياكى تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىۋاتقانلارنى كۆرگەندە، ئۇ چوقۇم كۆز-قۇلاق بولسۇن، قاتتىق كۆزەتسۇن.»

[8] قاراۋۇل مۇنداق دەپ ۋارقىرىدى: «جانابلىرى، مەن كۈندۈزى قوۋۇقتا كۆزەتتە تۇرىمەن. كېچىسى ھەم كۆزەتتە تۇرىمەن.

[9] قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.» ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى! ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»

[10] ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، سىلەر يانجىلغان ۋە سورۇلۇپ كەتكەنىدىڭلار! مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزدۈم.

[11] بۇ، دۇماھ توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. سەئىردىن بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ: «قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟ قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟»

[12] قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ: «تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ. ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»

[13] بۇ، ئەرەب چۆللۈكى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: ئەي دىدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىستان چۆللۈكىدە چېدىر تىكىپ ئولتۇرىسىلەر.

[14] چاڭقىغانلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىڭلار، ئەي تەما زېمىنىدا ياشايدىغانلار، مۇساپىرلارغا تاماق بېرىڭلار.

[15] ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار، غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن، كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن، شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلار.

[16] ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «دەل بىر يىلدىن كېيىن قېدار خەلقىنىڭ بارلىق شەرىپى ئاخىرلىشىدۇ.

[17] قېدارنىڭ قوشۇنلىرىدىكى مەرگەنلىرى ئىنتايىن ئاز قالىدۇ.» بۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سۆزلىرىدۇر.

يەشايا — Chapters