[1] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار، كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر، مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.
[2] نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.
[3] گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر. مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن، مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.
[4] بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە يېتەكچى سەردار قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم.
[5] سىلەر ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان ئەللەرنى چاقىرىسىلەر، سىلەرنى تونۇمايدىغان ئەللەر قېشىڭلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى مەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا، سىلەرگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن.»
[6] پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىن، ئۇ يېنىڭدىكى ۋاقتىدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا يېلىنغىن.
[7] رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن، گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن، ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن، ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ.
[8] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئوي-پىكرىڭلار مېنىڭ ئوي-پىكرىم ئەمەس، سىلەرنىڭ يولۇڭلار مېنىڭ يولۇم ئەمەس.
[9] ئاسمان يەردىن شۇنچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مېنىڭ يولۇممۇ، مېنىڭ ئوي-پىكىرلىرىممۇ، سىلەرنىڭكىدىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.
[10] قار-يامغۇر ئاسماندىن ياغىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا قايتىپ كەتمەيدۇ، بەلكى يەر-زېمىننى سۇغىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، تېرىيدىغانلارغا ئۇرۇق بولىدۇ، يەيدىغانلارغا ئاشلىق بولىدۇ.
[11] خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ ھەرگىز بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەم سۆزلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، مېنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىم شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
[12] سىلەر شاد-خۇراملىق بىلەن يولغا چىقىپ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يېتەكلىنىسىلەر. ئالدىڭلاردىكى تاغ-داۋانلار سىلەر ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدۇ، دالىلاردىكى دەل-دەرەخلەرمۇ سىلەرگە چاۋاك چالىدۇ.
[13] تىكەنلىكلەر ئورنىغا كىپارىسلار ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئوغرى تىكەنلەر ئورنىغا قارىغاي دەرەخلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا مەڭگۈ شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان بەلگىدۇر.»