Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ.

[2] ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار ۋە سىدون سودىگەرلىرى، سىلەر سۈكۈتتە قايغۇرۇڭلار! سودىگەرلىرىڭلار دېڭىزلاردا تىرىكچىلىك قىلاتتى،

[3] ئۇلار چوڭقۇر دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ، مىسىردىكى شىخور ۋادىسىدىن ئاشلىق سېتىۋالاتتى، نىل دەريا ۋادىسىدىن چىققان ھوسۇللارنى ئەكېلەتتى. يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى سىلەردە ئىدى.

[4] ئەي سىدون شەھىرى، سېنىڭ يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ! چۈنكى تىر شەھىرى، يەنى دېڭىز بويىدىكى قۇرغان مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەزەلدىن بالىلىرىم يوق، مەن ئەزەلدىن ئوغۇل-قىزلارنى باقمىغان.»

[5] بۇ خەۋەر مىسىرغا كەلگەندە، ئۇلار تىرغا كەلگەن كەلگۈلۈكنى ئاڭلاپ ئىنتايىن پەرىشان بولىدۇ.

[6] ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار، تارشىشقا قېچىپ كېتىڭلار! ئازابلىنىپ يىغلاڭلار!

[7] قەدىمىي شەھىرىڭلار خۇشال-خۇراملىققا تولغان شەھەرمىدى؟! سىلەر بۇ شەھەردىن دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق يىراق ئەللەردە ياشاشقا بارغان ئەمەسمۇ؟!

[8] بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟ بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان، سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى. ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.

[9] بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.

[10] ئەي تارشىش خەلقى، نىل دەريا بويىدىكى دېھقانلارغا ئوخشاش يەرلىرىڭلارغا ئىشلەڭلار! چۈنكى پىرېستانىڭلار ئەمدى يوق بولدى.

[11] پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.

[12] ئۇ: «ئەي ئېزىلگەن سىدونلۇقلار، سىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرىڭلار تۈگىدى. ئەمدى سىپرۇسقا بېرىڭلار. ئەمما ئۇ يەردىمۇ سىلەر خاتىرجەملىك تاپالمايسىلەر.»

[13] بابىل زېمىنىغا قاراڭلار، بۇ زېمىندىكى خەلق يوقالغان! ئاسسۇرلار بۇ زېمىننى ياۋايى يىرتقۇچلارغا ماكان قىلىپ بەردى. ئۇلار شەھەر سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، ئوردىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

[14] تارشىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقان دېڭىزچىلار، قايغۇرۇڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ قورغىنىڭلار گۇمران قىلىندى.

[15] شۇ چاغ كەلگەندە، تىر شەھىرى 70 يىل ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، بۇ، بىر پادىشاھنىڭ ئۆمرى بىلەن تەڭ. 70 يىلدىن كېيىن، تىر بۇ ناخشىدىكى پاھىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ:

[16] سازىڭ چىلتارنى قولۇڭغا ئال، كەزگىن بۇ شەھەرنى، ئەي ئۇنتۇلغان پاھىشە، ناخشاڭنى ئېيت، مۇڭلۇق سازىڭنى چال، بەلكىم كىشىلەر سېنى قايتا ئەسكە ئالار.

[17] 70 يىلدىن كېيىن پەرۋەردىگار تىر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىر شەھىرى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار بىلەن سودا قىلىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پاھىشە بولۇپ، پۇل تاپىدىغان يولغا كىرىپ كېتىدۇ.

[18] لېكىن ئۇنىڭ تاپقان كىرىمىدىن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇ تاپقان بايلىقىنى دۆۋىلەپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كىرىمى پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايرىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى مول بولىدۇ، ياخشى كىيىنىدۇ.

يەشايا — Chapters