Skip to content
Opens in a new window

[1] پادىشاھ ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەدە پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، سۈرىيە پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ يېرۇسالېمغا ئۇرۇش ئاچتى، بىراق غالىب كېلەلمىدى.

[2] سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.

[3] پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭ شىئار-ياشۇبنى ئېلىپ ئاخاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا سۆزۈمنى يەتكۈزگىن. سەن ئۇنى، يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان ئۆستەڭنىڭ ئايىغىدىن، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدىن تاپالايسەن.

[4] ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر.

[5] سۈرىيە پادىشاھى ۋە رىماليانىڭ ئوغلى سۇيىقەست پىلانلاپ:

[6] ‹يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ئۇ يەرنى ئىشغال قىلايلى. كېيىن ئۇ يەرگە تابىئالنىڭ ئوغلىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەيلى› دەۋاتىدۇ.

[7] بىراق مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: ‹بۇ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ھەم ھېچقاچان بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ.

[8] چۈنكى دەمەشق شەھىرى سۈرىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن دەمەشقنىڭ بېشى بولغان رىزىن پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىمۇ 65 يىل ئىچىدە بىتچىت قىلىنىپ، خەلقىمۇ يوق قىلىنىدۇ،

[9] سامارىيە شەھىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن سامارىيەنىڭ بېشى بولغان رىماليانىڭ ئوغلى پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ ئەگەر سەن ئېتىقادىڭدا چىڭ تۇرمىساڭ، پۇت تىرەپ تۇرالمايسەن!›»

[10] پەرۋەردىگار يەشايا ئارقىلىق ئاخاز پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدى:

[11] _ مېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ قانچىلىك مۆجىزىلىك ئىش بولسىمۇ، سەن مەن پەرۋەردىگار خۇدادىن بېشارەت تىلە!

[12] بىراق ئاخاز يەشاياغا: _ مەن سورىمايمەن، مەن پەرۋەردىگارنى سىنىمايمەن! _ دېدى.

[13] يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟

[14] ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.

[15] بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغۇچە سۈزمە بىلەن بال يەيدۇ.

[16] بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغان ۋاقىتقىچە، سىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان ئىككى پادىشاھنىڭ زېمىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ.

[17] پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا، شۇنداقلا خەلقىڭگە ۋە خان جەمەتىڭگە، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان شۇنداق بىر كۈننى سالىدۇ. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى باشلاپ كېلىدۇ.

[18] ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇر قوشۇنلىرىنى پۇشتەك چېلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، زېمىنىڭغا يېپىشىدۇ.

[19] ئۇلار كېلىپ تىك جىلغىلارغا، قىيا تاشلارنىڭ ئارىلىقلىرىغا، چاتقاللىقلارغا ۋە يايلاقلارغا جايلىشىدۇ.

[20] ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇ، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇستىرىغا ئوخشاش چېچىڭنى، پۇتۇڭنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقىلىڭنى چۈشۈرۈپ تاشلايدۇ.

[21] ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئادەملەر بىر ياش ئىنەك ۋە ئىككى ئۆچكىنىلا تىرىك ساقلاپ قالالايدۇ.

[22] ئۇلار كۆپ سۈت بەرگەنلىكتىن، بۇ ئادەم سۈزمە يەيدۇ. شۇ زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ سۈزمە ۋە بال يەيدۇ.

[23] ئۇ ۋاقىت كەلگەندە مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغان مىڭلىغان تەكلىرى بار ئۈزۈمزارلىقلار ئازغان ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىدۇ.

[24] ئادەملەر ئۇ يەرگە ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئوقيالىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىننى ئازغان ۋە تىكەن قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ.

[25] بۇرۇن تېرىلغان ئېدىرلىقلارغا ئەمدى بارالمايسەن. چۈنكى ئازغان ۋە تىكەندىن قورقىسەن. ئۇ يەرلەر كالا ۋە قوي-ئۆچكىلەر ئوتلايدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ.

يەشايا — Chapters