[1] ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:
[2] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تاقىر تاغدا تۇغ تىكلەڭلەر، قوللىرىڭلارنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىڭلار. ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ ئوردا دەرۋازىلىرىغا ھۇجۇم قىلسۇن!
[3] مەن ئۆزۈم تاللىغان قوشۇنۇمغا پەرمان قىلدىم، غەزىپىمنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن لەشكەرلىرىمگە چاقىرىق قىلدىم. لەشكەرلىرىم پەخىرلىنىپ، غەلىبەمدىن شادلىنىدۇ.»
[4] قۇلاق سېلىڭلار تاغلاردىن كەلگەن سادالارغا، ئۇ غايەت زور خەلقنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىگە ئوخشايدۇ، قۇلاق سېلىڭلار پادىشاھلىقلاردىكى نەرە تارتقان ئاۋازلارغا، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ بىرلىشىشدىن يىغىلغان ئاۋازلارغا، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن توپلاۋاتىدۇ.
[5] ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.
[6] ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ.
[7] ھەممە ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىدۇ.
[8] ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ، ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ، بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ.
[9] قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلەي دەپ قالدى. بۇ شەپقەتسىز كۈن، چەكسىز غەزەپ ۋە رەھىمسىزلىككە تولغاندۇر. ئۇ زېمىننى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ ۋە گۇناھكارلارنى گۇمران قىلىدۇ.
[10] ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ. قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ، ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.
[11] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن، رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن. شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن.
[12] ئىنسانلار زېمىندا ئازىيىپ، ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىۋېتىمەن.
[13] بۇ مېنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، زېمىننى تەۋرىتىپ، ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇ كۈنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ھەممىگە رەھىمسىزلەرچە غەزىپىمنى چاچىمەن.»
[14] شۇ كۈنى ئەھۋال شۇنداق بولىدۇكى: بۆكەن ئوۋچىدىن قاچقاندەك، قويلار پىتىراپ كەتكەندەك، ھەممە ئادەم ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ ۋە ئۆز زېمىنىگە قاچىدۇ.
[15] تېپىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە نەيزە سانجىلىدۇ، تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
[16] ئۇلارنىڭ ئۇششاق بالىلىرى كۆز ئالدىدىلا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاپ-تالىنىدۇ، خوتۇنلىرى دەپسەندە قىلىنىدۇ.
[17] «مەن مىدىيالىقلارنى بابىللارغا قارشى ئاتلاندۇرىمەن. ئۇلار كۈمۈشكە قىزىقمايدۇ، ئالتۇنغا قاراپمۇ قويمايدۇ.
[18] ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»
[19] بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.
[20] بۇ يەردە ئەمدى ئادەم تۇرمايدۇ، كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارمۇ بۇ يەردە ياشىمايدۇ. كۆچمەنلەر بۇ يەرگە كەپىلىرىنى قۇرمايدۇ، پادىچىلارمۇ قويلىرىنى بۇ يەردە باقمايدۇ.
[21] بۇ يەر چۆل جانلىقلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇۋقۇشلار تولۇپ كېتىدۇ. ئۇ يەردە تۆگە قۇشلار ياشايدۇ، ياۋا ئۆچكىلەر تاقلاپ يۈرىدۇ.
[22] بابىلنىڭ قورغانلىرى ياۋا ئىتلار ھۇۋلىشپ يۈرىدىغان ماكان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوردىلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ يايرايدىغان ماكانى بولىدۇ. بابىلنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالدى، ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت بېرىلمەيدۇ.