[1] نىل دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە _ ھاشاراتلار قاناتلىرىنى ئۆرۈپ غوڭۇلدايدىغان يەردە ياشايدىغان ئېفىيوپىيەلىكلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
[2] ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار. يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار.
[3] ئەي دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر، زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەر، سىلەر تاغدا كۆتۈرۈلگەن بىر تۇغنى كۆرگەندە ئاگاھ بولۇڭلار! سىلەر قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئاگاھ بولۇڭلار!
[4] پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز جايىمدا ھەممە ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىمەن. مەن تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋادەك، ھوسۇل مەزگىلىدە ئەتىگىنى چۈشكەن شەبنەمدەك تىۋىشسىز تۇرىمەن.»
[5] ھوسۇل مەزگىلىدىن بۇرۇن چېچەكلەر توزۇپ، ئۈزۈملەر پىشاي دېگەندە، پەرۋەردىگار يۇمران شاخلارنى كېسىپ تاشلايدۇ، قاتار كەتكەن بۈك-باراقسان ئۈزۈم باراڭلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ.
[6] جەسەتلەر تاغدىكى ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن قۇشلارغا، ياۋايى يىرتقۇچلارغا تاشلاپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇشلار يازدا ئوزۇقلۇقتىن غەم قىلمايدۇ، يىرتقۇچلار قىشتا ئاچ قېلىشتىن غەم قىلمايدۇ.
[7] شۇ چاغدا، بويلىرى ئېگىز ۋە تېرىلىرى سىلىق بولغان قوۋملاردىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا تارتۇقلار قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يىراق-يېقىندىكىلەرنى قورقۇتقان قوۋملاردۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى قوۋملاردۇر. ئۇلارنىڭ زېمىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا تاللىغان جايغا، يەنى سىئون تېغىغا تارتۇقلارنى ئەكېلىدۇ.