[1] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھ بېلنىڭ تىزى چۆكىدۇ، ئىلاھ نىبونىڭ قەددى پۈكۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە ياسالغان بۇتلىرى ھايۋانلارغا يۈكلەپ قويۇلىدۇ. ئىلگىرى بابىللىقلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ بۇتلار ئەمدى ھارغىن ھايۋانلارغا ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.
[2] بۇ ئىلاھلارنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، تىزلىرى ئېگىلىدۇ، بۇ ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەكسىچە بۇ كېرەكسىز ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن ئەسىرلىككە تاپشۇرۇلىدۇ.
[3] ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامان قالغان پۇقرالىرى! سىلەر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەن سىلەرنى قوللاپ كەلدىم، سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن كۈندىن باشلاپلا مەن سىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلدىم.
[4] تاكى سىلەر قېرىپ، چېچىڭلارغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ، مەن بۇ ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق، مەن يەنىلا شۇ خۇدادۇرمەن، ئۆزگەرگىنىم يوق. مەن سىلەرنى ياراتقانىكەنمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى كۆتۈرىمەن، سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.
[5] سىلەر مېنى كىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كىم بىلەن تەڭ قىلىۋاتىسىلەر؟ ھېچكىم ماڭا ئوخشىمايدۇ، ماڭا تەڭ بولىدىغىنى يوقتۇر!
[6] بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.
[7] ئۇلار بۇ بۇتنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ، ئۇنى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ بۇت شۇ جايدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ. بىركىم ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايدۇ. ئۇ ھېچكىمنى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزالمايدۇ.
[8] ئەي، مەندىن يۈز ئۆرۈگەن خەلقىم، بۇ ئىشلارنى ئويلاڭلار، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار.
[9] ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار، مەن ھەقىقەتەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەن خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.
[10] مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن. مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.
[11] مەن شەرقتىن بىر بۈركۈتنى چاقىرتىپ كېلىمەن، ئۇ يىراق بىر جايدىن كېلىدۇ، ئۇ مەن نېمىنى خالىسام، شۇنى قىلىدۇ. مەن ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم قىلىمەن، مەقسەتلىرىمنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!
[12] ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي جاھىللاشقان، ھەققانىيلىقتىن يىراقلاپ كەتكەن خەلقىم،
[13] مەن پات ئارىدا ئۆز قولۇم بىلەن ھەققانىيەتنى يۈرگۈزىمەن، ئۇ كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، مېنىڭ نىجاتلىقىم كېچىكمەيدۇ، مەن سىئوننى قۇتقۇزىمەن، مەن ئىسرائىل خەلقىگە شان-شۆھرىتىمنى بېرىمەن.»