[1] يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا زامانىلىرىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا تۆۋەندىكى ۋەھىيلەر كەلدى.
[2] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن، بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى.
[3] ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ، خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»
[4] ئەي گۇناھكار قوۋم، رەزىللىككە پاتقان خەلق، قەبىھلەرنىڭ پۇشتى، ساختىلىققا تولغان ئەل! بۇ خەلق پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى كۆزگە ئىلمىدى، ئۇلار ئۇنى تاشلىۋەتتى.
[5] نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.
[6] بېشىدىن ئايىغىغىچە بىرمۇ ساق يېرى يوق، ھەممە يەر يارا، كۆك ئىزلىرى ۋە قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەت، ئۇلار نە تازىلانمىغان، نە تېڭىلمىغان، نە مەلھەم سۈرتۈلمىگەن.
[7] ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن. ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.
[8] غېرىبانە سىئون يالغۇز قالدى، ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە، قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.
[9] ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق، بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق.
[10] ئەي، سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!
[11] پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بار؟ قوچقارلار ۋە سەمرىتىلگەن كالىلارنىڭ ياغلىرىدىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم. مەن بۇقىنىڭ، پاقلاننىڭ ۋە ياكى ئۆچكىنىڭ قانلىرىدىن خۇرسەن ئەمەسمەن.
[12] سىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانامغا كەلگەندە، سىلەرنى ئىبادەتخانامدا گۈپۈرلىشىپ، قالايمىقان قىلىڭلار دەپ كىم ئېيتتى؟
[13] بۇنداق مەنىسىز ھەدىيەلەرنى ئەمدى ئەكەلمەڭلار! سىلەرنىڭ ئىسرىقىڭلارمۇ مەن ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر! سىلەر يېڭى ئاي، دەم ئېلىش كۈنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيتلارنى ئۆتكۈزىسىلەر، لېكىن گۇناھلىرىڭلاردىن بۇلغانغان بۇ ھېيتلىرىڭلاردىن بىزار بولدۇم.
[14] سىلەرنىڭ يېڭى ئاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلار ماڭا ئېغىر يۈك بولدى، ئۇلارنى كۆتۈرۈشتىن زېرىكتىم.
[15] سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا، كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن. قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن، چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.
[16] ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ تازىلاڭلار، رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىڭلار. يامانلىق قىلىشنى توختىتىڭلار.
[17] ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار، ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئەدەپلەڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى قوغداڭلار، تۇل ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار.»
[18] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.
[19] ماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئىتائەت قىلساڭلار، زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل نېمەتلەر سىلەرنىڭ بولىدۇ.
[20] ئەگەر رەت قىلىپ، ماڭا قارشى چىقساڭلار، سىلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىسىلەر.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
[21] بۇ سادىق شەھەر قانداقلارچە پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ساداقەتسىز بولۇپ قالدى؟! ئۇ ئىلگىرى ئادالەتكە تولغان، ھەققانىيەت دەۋر سۈرگەن شەھەر ئىدىغۇ؟! بىراق ئەمدى ئۇ يەردە قاتىللارلا قالدى خالاس.
[22] كۈمۈشلىرىڭ داشقال بولدى، شارابلىرىڭغا سۇ قېتىلدى.
[23] ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.
[24] ئىسرائىللارنى تاللىغان قادىر خۇدا، يەنى ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «رەقىبلىرىم بولغان سىلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، دۈشمەنلىرىم بولغان سىلەردىن ئىنتىقام ئالىمەن.
[25] سىلەرگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. داشقاللىرىڭلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، پۈتكۈل ئەخلەتلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايمەن.
[26] بۇرۇنقىدەك ئادىل سوراقچىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، بۇرۇنقىدەك دانا مەسلىھەتچىلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. شۇندىلا يېرۇسالېم ‹ھەققانىيەتلىك شەھەر›، ‹ساداقەتلىك شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»
[27] سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ، شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.
[28] بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ، پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ.
[29] سىلەر ياخشى كۆرگەن دۇپ دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر، سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن شەرمەندە بولىسىلەر.
[30] سىلەر يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇپ دەرىخىگە ئوخشاپ قالىسىلەر، سۇغۇرۇلمىغان باغقا ئوخشاش قاغجىراپ قالىسىلەر.
[31] كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.