[1] قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.
[2] روھانىيلار ۋە خەلقلەر، خوجايىنلار ۋە قۇللار، ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر، ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار، قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار، ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ.
[3] زېمىن پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىپ، قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
[4] زېمىن قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، جاھان چۆلدەرەپ، قاغجىراپ قالىدۇ، زېمىندىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلەرمۇ تۈگىشىدۇ.
[5] كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.
[6] شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ، كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ.
[7] ئۈزۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنىدۇ، يېڭى شارابلار يوق بولىدۇ، ئويۇن-تاماشاغا بېرىلگۈچىلەر ئاھ ئۇرىدۇ.
[8] داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى توختايدۇ، تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى جىمىقىدۇ، چىلتار سادالىرىمۇ ئۆچىدۇ.
[9] ئۇلار ئەمدى ناخشا ئېيتىپ، شاراب ئىچەلمەيدۇ. مەي ئىچكۈچىلەرگە مەي لاۋزا تېتىيدۇ.
[10] خارابىگە ئايلانغان شەھەرلەر قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. خەۋپسىرەپ، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ.
[11] شارابسىز قالغان كىشىلەر كوچىلاردا ۋارقىرىشىپ يۈرۈشىدۇ. ھەممە شادلىق قايغۇغا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
[12] شەھەر دەرۋازىلىرى پاچاقلىنىپ، شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.
[13] مانا بۇ، جاھاندىكى بارلىق خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈن. خۇددى مول ھوسۇلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا، زەيتۇننىڭ شاخلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقىغا، ئۈزۈملەرنىڭ تەكلەردىن كېسىۋېلىنغانلىقىغا ئوخشاش، دۇنيادا ئازلا ئادەم قالىدۇ.
[14] ئۇلار خۇشاللىق سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ. كۈنپېتىشتا كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيەلەيدۇ.
[15] ئەي كۈنچىقىشتا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاڭلار. دېڭىز بويلىرىدا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.
[16] جاھاننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن، ھەققانىيەتچى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئاڭلىنىدۇ. بىراق، مەن يەشايا، تۈگەشتىم، مەن تۈگەشتىم! ھالىمغا ۋاي! ئالدامچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خائىنلىقى چېكىگە يەتتى.
[17] ئەي زېمىندىكى ئىنسانلار، سىلەر ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر، سىلەرنى ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار كۈتۈپ تۇرىدۇ.
[18] ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.
[19] يەر-زېمىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، يەر تامامەن يېرىلىپ كېتىدۇ، زېمىن قاتتىق سىلكىنىدۇ.
[20] زېمىن مەست ئادەمدەك ئىرغاڭلايدۇ، بوران-چاپقۇندىكى ئاجىز كەپىدەك لەپەڭشىيدۇ. زېمىن گۇناھنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ قايتا ئۆرە بولالمايدۇ.
[21] ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار پەلەكتىكى كۈچلەرنى، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى جازالايدۇ.
[22] ئۇلار ئۇ چاغدا قاماقتىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش توپلىنىدۇ، ئۇلار زىندانغا سولىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جازالىنىدۇ.
[23] ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ. كۈن ئىزا تارتىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ.