Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن سورىمىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىدىم، مېنى ئىزدىمىگەنلەرنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىغا تەييار ئىدىم، مېنىڭ نامىمنى ئاتىمىغان خەلققە: ‹مەن بۇ يەردە، مەن بۇ يەردە› دەپ تۇردۇم!

[2] مەن ئاسىي خەلقىمنى كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتىمەن، لېكىن ئۇلار يامان يولدا مېڭىۋېرىدۇ، ئۆز خىياللىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.

[3] ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار باغلىرىدا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، كېسەكتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىلاردا كۈجە كۆيدۈرىدۇ،

[4] ئۇلار قەبرىستانلىقلاردا ئولتۇرۇپ، كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزىدۇ. چوشقا گۆشى يەيدۇ، قاچىلىرىدا ھارام گۆشلەرنىڭ شورپىلىرى بولىدۇ.

[5] شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە كىشىلەرگە ‹نېرى تۇر، ماڭا يېقىنلاشما، چۈنكى مەن ساڭا قارىغاندا مۇقەددەسمەن› دەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئۆچمەي كۆيىدىغان ئوتتەك، خۇددى بۇرنۇمنى ئىس-تۈتەك ئېچىشتۇرغاندەك مېنى ئازابلايدۇ.

[6] قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ، مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك، مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.

[7] ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ، تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى. مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»

[8] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۈزۈم بارىڭىدىكى ناچار ئۈزۈملەرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئۈزۈملەرنى تاپقاندا، ئۇلار: ‹بۇ ئۈزۈم تېلىنى يۇلۇۋەتمە، چۈنكى ئۇنىڭدا سۇلۇق، ياخشى ئۈزۈملەر بار› دىيىشىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ماڭا سادىق بولغان خىزمەتكارلىرىمنىڭ ۋەجىدىن خەلقىمنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.

[9] ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن، يەھۇدىيەنىڭ پۇقرالىرىنى مېنىڭ تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن. مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ.

[10] شارون تۈزلەڭلىكى قوي توپلىرىنىڭ ئوتلاقلىرىغا، ئاخور جىلغىسى كالا پادىلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ، بۇلار مېنى ئىزدىگەن خەلقىمگە مەنسۇپ بولىدۇ.

[11] لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار،

[12] مەن سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارنى قىلىچ ئاستىغا قويىمەن، ھەممىڭلار ئۆلۈمگە باش ئېگىسىلەر، چۈنكى، چاقىرسام جاۋاب بەرمىدىڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدىڭلار، ئەكسىچە كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مەن خۇشال بولمايدىغان ئىشلارنى تاللىدىڭلار.»

[13] شۇڭا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر نومۇستا قالىسىلەر.

[14] قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم قەلبلىرىدىن شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ، لېكىن سىلەر قەلبىڭلاردىكى ئازاب تۈپەيلى يىغلايسىلەر، روھىڭلاردىكى پىغان تۈپەيلى نالە-زار قىلىسىلەر.

[15] مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.

[16] زېمىندا بەخت تىلىگۈچىلەر مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن بەخت تىلەيدۇ، زېمىندا قەسەم قىلغۇچىلار مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ. چۈنكى بۇرۇنقى ئېغىر كۈنلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كۆز ئالدىمدىن غايىب بولىدۇ.»

[17] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن يارىتىمەن، ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم ئېسىگە ئالمايدۇ.

[18] مەن ياراتماقچى بولغان ئىشلاردىن خۇشال بولۇڭلار، مەڭگۈ شادلىنىڭلار. قاراڭلار، مەن يېرۇسالېمنى خۇشاللىق مەنبەسى، ئاھالىسىنى شادلىق مەنبەسى قىلىمەن.

[19] مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن، خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن، ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ.

[20] ئۇ يەردە ئەمدى بوۋاقلار تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، ياشانغانلار قېرىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىدۇ. يۈز ياش ئۆمۈر كۆرگەنلەر ياش ھېسابلىنىدۇ. يۈز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر قارغىشقا كەتكەنلەر ھېسابلىنىدۇ.

[21] ئۇلار ئۆي ياساپ، ئۆزلىرى ئولتۇرىدۇ، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ.

[22] باشقىلار ئۇلار سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ، ئۇلار ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى باشقىلار بۇلاپ ئەكەتمەيدۇ، چۈنكى خەلقىم دەل-دەرەخلەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، مەن تاللىغان خەلقىم ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

[23] ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ.

[24] ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.

[25] بۆرىلەر بىلەن قوزىلار بىرگە ئوزۇقلىنىدۇ، شىرمۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ، يىلاننىڭ ئوزۇقى توپا بولىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئۇلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ چېقىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

يەشايا — Chapters