Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئادالەتنى قوغداڭلار، ھەققانىي ئىشلارنى قىلىڭلار، چۈنكى مېنىڭ نىجاتلىقىم كېلىدۇ، ھەققانىيلىقىم ئايان بولىدۇ.

[2] بۇ بۇيرۇقلىرىمنى ئادا قىلىپ، ماڭا بويسۇنىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە، دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغىماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، رەزىل ئىشلاردىن قولىنى تارتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!

[3] ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان يات خەلقلەر: ‹پەرۋەردىگار مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ› دېمىسۇن. ئاختا قىلىنغان ئەرلەرمۇ ئۆزىنى: ‹مەن قاقشال دەرەخ› دەپ يۈرمىسۇن.»

[4] چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىدىغان، مېنى خۇرسەن قىلىشنى تاللايدىغان، ئەھدەمگە ئەمەل قىلىدىغان ئاختا قىلىنغان ئەرلەرگە،

[5] ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.

[6] يات خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان، ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغانلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئەھدەمگە ئەمەل قىلسا،

[7] مەن ئۇلارنى مۇقەددەس تېغىمغا ئەكېلىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئىبادەتخانامدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلىرى قۇربانلىق سۇپامدا قوبۇل بولىدۇ، چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام، ‹پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.»

[8] چېچىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىدىغان ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنى يىغىپ، يىغىلغان ئۆز خەلقىمگە قوشىمەن.»

[9] ھەي، دالىدىكى بارلىق ھايۋانلار، ھەي، ئورماندىكى بارچە ھايۋانلار، كېلىپ، خەلقىمنى يەپ تۈگىتىڭلار!

[10] ئىسرائىللارنىڭ قاراۋۇللىرى قارىغۇدۇر، ھەممىسى بىلىمسىزدۇر. ئۇلار قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلاردۇر، يېتىۋېلىپ چۈش كۆرىدۇ، ئۇلار ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

[11] بۇ ئىتلار ئاچ كۆزدۇر، تويۇشنى بىلمەيدۇ. بۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان پادىچىلار، ھەر كىم ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.

[12] ئۇلار: «كېلىڭلار، مەن ھاراق ئەكېلەي، قانغۇچە ھاراق ئىچەيلى، ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ.

يەشايا — Chapters