Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ، خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن جىلغا _ يېرۇسالېم توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆگزىگە چىقىۋالىسىلەر؟

[2] شەھىرىڭلارنىڭ ھەممە يېرى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان، كۈندە بايرام بولىدىغان، ئاۋات بىر شەھەر ئىدىغۇ؟ ئەمما، ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلمىدى، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىدى.

[3] سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار بىرلىكتە قاچتى، ئۇلارغا بىرمۇ ئوقيا ئېتىلماي تۇتۇلدى. ئۇلار قانچىلىك يىراققا قاچقان بولسۇن، ھەممىسى تەسلىم بولدى.

[4] شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى: «ماڭا قارىماڭلار! مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن. ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.»

[5] ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن جىلغىغا ۋەيرانچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنلىرىنى ئىرادە قىلدى. سېپىللار بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ۋە تاغلاردىن ياردەم تىلەپ يىغلايدىغان كۈنلەرنى ئىرادە قىلدى.

[6] ئېلام پالۋانلىرى ئوقيالىرىنى ئېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق چەۋەندازلىرى بىلەن كېلىدۇ، قىر پالۋانلىرى قالقانلىرىنى تەييار قىلىدۇ.

[7] سىلەرنىڭ مۇنبەت جىلغاڭلار جەڭ ھارۋىلىرىغا توشۇپ كېتىدۇ. چەۋەندازلار شەھەر قوۋۇقلىرىنى قورشايدۇ.

[8] بۇ چاغقا كەلگەندە پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى قوغدىمايدىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا سىلەر ئوردىدىكى «ئورمان سارىيى» دىن ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىزدەيسىلەر.

[9] سىلەر «داۋۇت پادىشاھ شەھىرى» سېپىلىنىڭ قانچە يەردىن بۇزۇلغانلىقىنى تەكشۈرىسىلەر، پەستىكى كۆلچەككە سۇ تولدۇرۇپ قويىسىلەر،

[10] يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى تەكشۈرىسىلەر، سېپىلىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆيلەرنى بۇزۇپ تاشلايسىلەر.

[11] سىلەر كونا كۆلنىڭ سۈيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بىر كۆل ياسايسىلەر. ئەمما سىلەر ئاشۇ شەھەرنى سالغان پەرۋەردىگارغا يۈزلەنمەيسىلەر، شۇنداقلا بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ بۇرۇنلا پىلانلىغانلىقىنى ئويلىمايسىلەر.

[12] شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.

[13] ئويلاپ كۆرۈڭلار! لېكىن سىلەر شاد-خۇرام ھالدا تاماشا قىلىپ يۈردىڭلار، كالا-قويلارنى سويۇپ، ئېسىل تائاملارنى يەپ، شارابلارنى ئىچىپ يۈردىڭلار! سىلەر شۇنداق دېگەن: «يەيلى، ئىچەيلى، ئەتە بەرىبىر ئۆلىمىز!»

[14] ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۇلار ئۆلگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ!» مانا بۇ، ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!

[15] ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئوردا غوجىدارى شەبنانىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيتقىن:

[16] ‹ئەي شەبنا، سەن بۇ يەردە نېمىدەپ تۇرىسەن؟ ئۆزۈڭنى كىم چاغلايسەن؟ بۇ يەردە ئۆزۈڭگە قەبرە ياساۋاتامسەن؟ بۇ شۆھرەتلىك قەبرىنى ياسىغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟! تاشلاردىن ئۆزىگە ياتىدىغان جاي ياسىغۇدەك سەن كىم بولىسەن؟!

[17] قارا ئۆزۈڭگە، ئەي ئەرباب! پەرۋەردىگار سېنى چىڭ قاماللايدۇ، سېنى ئەمدى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىدۇ!

[18] ئۇ سېنى سەللىنى ئورىغاندەك چىڭ ئوراپ، يىراق، كەڭرى بىر زېمىنغا تاشلاپ قويىدۇ. ئۇ يەردە سەن ئېسىل جەڭ ھارۋىلىرىڭ بىلەن ئۆلىسەن. سەن ئۆز پادىشاھىڭنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن.›»

[19] پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئەمىرلىكىڭنى يوق قىلىۋېتىمەن، ئەمىلىڭنى سەندىن ئېلىپ تاشلايمەن!

[20] شۇ چاغ كەلگەندە، مەن خىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز خىزمەتكارىم ئەلياقىمنى چاقىرىمەن.

[21] مەن ئۇنىڭغا سېنىڭ شاھانە تونۇڭنى كىيدۈرۈپ، بەلبېغىڭنى باغلاپ، ئۇنىڭغا سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى بېرىمەن. شۇ چاغدا ئۇ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئاتىسى بولىدۇ.

[22] مەن ئۇنىڭ بوينىغا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېسىپ قويىمەن. ئۇ ئاچقان ئىشىكنى ھېچكىم ياپالمايدۇ. ئۇ ياپقان ئىشىكنى ھېچكىم ئاچالمايدۇ.

[23] مەن ئۇنى مەزمۇت بىر يەرگە مىخ قاققاندەك قېقىپ قويىمەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىگە شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.

[24] شۇنداق قىلىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خۇددى جام، ئىدىشلار ئېسىپ قويۇلغاندەك، ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ.»

[25] بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چاغدا، مەن شۇ يەرگە قېقىپ قويغان مىخ جايدىن چىقىپ سۇنۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىلغان بارلىق نەرسىلەر گۇمران بولىدۇ.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!

يەشايا — Chapters