[1] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاسىي بالىلىرىمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مېنىڭ پىلانىمنى ئىجرا قىلمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ روھىمغا تايانماي، ئۆز ئالدىغا ئىتتىپاق تۈزۈشىدۇ. ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلدى.
[2] ئۇلار مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مىسىرغا باردى. ئۇلار پىرئەۋندىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلار مىسىردىن پاناھلىق ئىزدەشتى.
[3] ئەمما پىرئەۋننىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش، ئۇلارغا نومۇس ئېلىپ كېلىدۇ، مىسىرنىڭ پاناھلىقى سىلەرنى خارلىقتا قالدۇرىدۇ.
[4] گەرچە يەھۇدىيەنىڭ ئەمىرلىرى ۋە ئەلچىلىرى مىسىرنىڭ زوئان شەھىرى ۋە خانېس شەھىرىگە بارغان بولسىمۇ،
[5] يەھۇدىيە خەلقى نومۇسقا قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇلارغا پەقەت نومۇس ۋە خارلىق ئېلىپ كېلىدۇ.»
[6] يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.
[7] مىسىرنىڭ ياردىمى ئەسقاتمايدۇ، ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر. مېنىڭ ئۇنى: ‹جىملا ئولتۇرىدىغان راخاب› دەپ ئاتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ.»
[8] پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى بېرىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئالدىدا تاش تاختىغا بۇ ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ ئويغىن. بۇ ئىشلاردىن دەستۇر پۈتكىن. كەلگۈسىدىكىلەرگە مىراس قىلغىن، بۇ پۈتۈكلەر مەڭگۈ گۇۋاھچى بولسۇن.
[9] بۇ خەلق ئاسىيدۇر، يالغانچى بالىلاردۇر. بۇ بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
[10] ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار. بىزگە شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار، بىزگە خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار.
[11] پەيغەمبەرلىك يولۇڭلاردا ماڭماڭلار! ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختىتىڭلار! خۇدايىڭلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سۆزلەشتىن توختاڭلار!› دەيدۇ.»
[12] شۇڭا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر زۇلۇمغا ۋە ئالدامچىلىققا تاياندىڭلار.
[13] شۇڭا سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار دۆۋىلىنىپ، يېرىلغان ئېگىز تامغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆرۈلۈشكە تەييار تۇرىدۇ. تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ.
[14] ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك، شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى، ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك پارچىسىمۇ، كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.»
[15] ئىگەم پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ماڭا ئىشەنسەڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر. سىلەر سۈكۈت قىلىپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسىلەر.
[16] سىلەر: ‹ياق! بىز ئاتلىرىمىز بىلەن قاچىمىز› دەيسىلەر. شۇنداق، سىلەر قاچىسىلەر. سىلەر دەيسىلەر: ‹بىز تېز چاپىدىغان ئاتلىرىمىزغا مىنىمىز›. شۇنداق، لېكىن سىلەرنى قوغلىغانلار تېخىمۇ تېز چاپىدۇ.
[17] سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك، ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.»
[18] پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.
[19] ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق _ يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلەرنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ.
[20] گەرچە ئىگىمىز سىلەرگە بالا-قازادىن غىزا ۋە مۈشكۈلاتتىن ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار خۇدا ئۆزىنى ئەمدى سىلەردىن يوشۇرمايدۇ. سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.
[21] سىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ، ئوڭغا ياكى سولغا چەتنەپ كەتسەڭلار، ئارقاڭلاردىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر: «ئۇدۇلغا مېڭىڭلار! ئۇ توغرا يول!»
[22] ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.
[23] پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ.
[24] سىلەرنىڭ ئېتىزىڭلارنى ئاغدۇرىدىغان ئۆكۈز ۋە ئېشەكلەر ئەڭ ياخشى يەم-خەشەكلەرنى يەيدۇ.
[25] سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوقا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك ئېرىق-ئېرىق سۇلار ئېقىپ كېلىدۇ.
[26] پەرۋەردىگار ئۆزى جاراھەتلەندۈرگەن خەلقىنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ئۇلارنىڭ يارىلىرىغا شىپالىق بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي نۇرى خۇددى قۇياشتەك پارلايدۇ. قۇياشمۇ خۇددى يەتتە كۈنلۈك قۇياش نۇرى قوشۇلغاندەك، يەتتە ھەسسە يورۇقلۇق بېرىدۇ.
[27] قاراڭلار! پەرۋەردىگار يىراقلاردىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇ غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ، قويۇق كۆتۈرۈلگەن ئىسلار ئىچىدە كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى غەزەپكە تولغان، ئۇنىڭ تىلى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوت.
[28] ئۇنىڭ نەپەسلىرى دۈشمەنلىرىنى بوغۇزىغىچە چۆكۈرۈۋېتىدىغان كەلكۈنگە ئوخشايدۇ. ئۇ، ۋەيران قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنى ئەلگەكتە تاسقىغاندەك تاسقايدۇ. ئۇ، ئۇلارغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى خارابىلىككە باشلاپ بارىدۇ.
[29] ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر خۇددى ھېيت كېچىسىدىكىدەك، ناخشاڭلارنى ياڭرىتىسىلەر. خۇددى كىشىلەر نەي چېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا ماڭغاندەك، خۇددى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاشقا ماڭغاندەك، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار شادلىققا تولىدۇ.
[30] خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.
[31] ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قورققىنىدىن شۈركىنىپ كېتىدۇ. ئۇ جازا كالتىكى بىلەن ئۇلارنى ئۇرىدۇ.
[32] ھەر قېتىم پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازا كالتىكى بىلەن ئۇرغاندا، ئىسرائىللارنىڭ داپ ۋە چىلتارلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى.
[33] پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇر پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان. ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار. پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى يانارتاغ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.