[1] ئۇ چاغلاردا، بالئاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان، پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا خەت ۋە سوۋغا-سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى.
[2] پادىشاھ خىزكىيا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراق بۇيۇملار، قىممەتلىك مايلار ۋە قورال ئامبىرىدىكى بارلىق قورال-ياراغ قاتارلىق ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى.
[3] يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەلگەنىكەن، _ دېدى.
[4] يەشايا پەيغەمبەر يەنە: _ ئۇلار سېنىڭ ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا: _ ئۇلار ئوردامدىكى جىمى نەرسىنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.
[5] يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا.
[6] پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلىرىڭ بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ.
[7] ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىگە سېلىنىدۇ.»
[8] پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە: _ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە، ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن، دەپ ئويلىدى.